ئالمايمەن ( مودا قىز ) سېنى - ئۇسۇللۇق ناخشا تېكىسىت

ئالمايمەن  ( مودا قىز ) سېنى

ئۇسۇللۇق  ناخشا تېكىسىت
تاھىرجان مەنزىلى  


مودا يۈرۈپ ھەر كۈنى چاچلىرىڭنى تارايسەن ،
مېنىڭ  بىلەن  يۈرۈپمۇ  باشقىلارغا  قارايسەن .
ئۆزۈڭ بىللە مەن بىلەن كۆڭلۈڭ باشقا يىگىتتە ،
بولدى  قىلغىن   مودا  قىز  ئالمايمەن   سېنى .

مودا يۈرگىن ئاشۇنداق يىگىتلەرنى ھەم تاللاپ 
يېڭى يارنى كۆرگەندە كونا يارنى سەن تاشلاپ .
ھامان  بىر  كۈن  كېلىدۇ  شۇ يىگىتنىڭ ئۇۋالى 
يالغۇز قالغان ۋاختىڭدا ئويلاپ قالسەن مودا قىز.

ئالمايمەن   سېنى  يار  سۆيمەيمەن  سېنى ،
مودا  قوغلاپ   يۈرىۋە  ئۆزگىلەرگە   قاراۋە .
ھامان  قەدرىم ئۆتۈلدۇ باشقا بىرى سۈيىدۇ،
سەن   بىۋاپا   مودا  قىز  ئالمايمەن   سېنى.

يىگىتلەرنى  تاللىما   كونىسىنى  شاللىما ،
كۆڭۈل بەرگىن بىرسىگە ئازاپلىما خارلىما.
ئاشىقىڭنىڭ ئالدىدا  باشقىلارغا  قارىما ،
ئۆزىنى بىلمەس نادان قىز ھەي ھەي مودا قىز .

ئەسلەپ قالسەن بىر كۈنى مېنىڭ بىلەن يۈرگەننى ،
مۇھاببەتنىڭ  پەيزىنى  خوشال  خۇرام سۈرگەننى .
باشقىلاردىن  ئازار يەپ  قايتىپ كەلسەڭ قېشىمغا ،
كەچۈر   گۈزەل    مودا   قىز   ئالمايمەن   سېنى  .

تېكىسىت ئاپتۇرى باي خەلىق ئوغلانى تاھىرجان مەنزىلى  
ئىشلەتكۈچىلەر ئالاقلىشىڭ  

تېلفۇن  ئۈندىدار 13150331763
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ رەھمەت


     





110 قېتىم كۆرۈلدى majnuntal ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-13 4:51:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-17 15:10:50 ھاۋاگۈل
بەك ياخشى چىقىپتۇ ، تېخمۇ تىرشىڭ ،
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ