ھەدەڭ سىڭلىڭ يوقمىدۇ سېنىڭ

ھەدەڭ سىڭلىڭ يوقمىدۇ سېنىڭ


ئاپتۇرى:رەخمىدىن قاسىم


يامان دەيسەن قىزلارنى دائىم،
ئىغىزىڭىزدىن چۈشۈرمەي شۇنداق.
بىر تاياقتا ھەيدەپ ھەممىنى،
سەن تۇغقانمۇ قىزلارنى قانداق.

 

ھالاك قىلىپ شەرمى-ھايانى،
خاتا يولغا باشلايسەن ئ‍ۆزۈڭ.
قان يىغلىتىپ قويۇپ ھەسرەتكە،
قانداق چىدار سىنىڭ شۇ يۈزۈڭ.

 

ئاجىز بولغان گۇناھ ئەمەستۇر،
مەڭگۈ يىغلاپ ئ‍ۆتمەيدۇ ھەرگىز.
ئ‍اي ئ‍وتتۇزى بولمايدۇ يورۇق،
يىغلاتساڭ  تۆلەيسەن قەرىز.

 

يامان دەيسەن قىزلارنى دائىم،
ئ‍ايال تۇغماي سېنى كىم تۇغقان؟
تۈن كىچىدە بۈشۈك تەۋرىتىپ،
ئ‍ايال باقماي سېنى كىم باققان؟

 

مۇشۇ يەرگە بولسۇن ئ‍ەركەكلە،
توختاپ قالسۇن قەلىمىم مىنىڭ.
قىز يىغلاتقان ئ‍ەركەكتىن  سوراي،
ھەدەڭ سىڭلىڭ يوقمىدۇ سېنىڭ ؟


2015-8-17





315 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-18 8:21:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-18 18:38:29 ھەبىبە
ياخشى يىزىپسىز،،تىخىمۇ تىرشىڭ،،
2015-8-18 13:09:00 gul
bu xeer nahayiti yahxe yiz lip tu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ