چۈشتىكى بالىلىق
ئابدۇكىرەم ھەسەن
كىرىپ ئالدى بۈگۈن يەنە چۈشۈمگە،
بالىلىقتا مەن قالدۇرغان سىمالار.
كېچىلىرى بىللە ئويناپ توختىماي،
مەھەللىنى ئۇخلاتمىغان غەۋغالار.
ئاق تاشمۇ ھەم كۆك تېشىنى چاقىرىپ،
ئايلانماقتا مەھەللىنى پىقىراپ.
بىرى مۆكسە بىر بۇلۇڭدا، پىنھانغا،
بىرى قوغلار بىرلىرىنى چىقىراپ.
ئىزلىمەكتە بىر توپ بالا قارلىقتا،
قارغا چۈشكەن توشقانلارنىڭ ئىزىنى.
چىڭقى چۈشتە سۇ بېشىدىن قايتقانلار،
كۆزلەپ ماڭدى تاۋۇزلۇقنىڭ قىرىنى.
باھاردا تال چىۋىقنى ئات ئەتكەنلەر،
كۈز پەسلىدە غازاڭلاردىن خۇش تاپتى.
جاڭگالدا تەڭ پادا باققان ئاغىنە،
بىر-بىرىنىڭ غەزىلىگە قوش قاتتى.
ئۆستۇق ئاشۇ شىرىن چۈشلەر ئىچىدە،
ئارزۇلارغا سامالاردىن ئىز ئىزلەپ.
ئەسلىمىلەر بولۇپ بىزگە سەپەرداش،
يولغا چىقتى يىراق مەنزىلنى كۆزلەپ.
2016-يىلى كۆنەكنىڭ 7-كۈنى
24 قېتىم كۆرۈلدى | kanji | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-10 15:10:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|