چىچەكلەمدىكىن - ئابلىمىتجان ۋاھاپ

 چىچەكلەمدىكىن

ئابلىمىتجان ۋاھاپ (تەنھا تۇرنا )

كۆزلەرىڭگە ھەر  باققان شۇ  چىغىمدا،
چىقمايلا قالدى يۇرەك سۆزۇم گىلىمدا.
قەلبىمدە  ساڭا تىزغان ئۇشبۇ  ئۇنچىلەر،
قالدى شاخقا ئىسىلىپ مىسكىن دىلىمدا.

ئوتلىرىڭ شۇنداق قىلدىمۇ بىلمىدىم،
ساڭا بىرەر رەت قاراپ يا كۇلمىدىم.
ئەتراپىڭدىن ،كۆزۇڭدىن كەتكىنىم يوق،
سەتلا كۆرۇندىم،نىرى بىرىپ يا ئۆلمىدىم.

سىنىڭ قەدەملىرىڭ قايرىلار، يا  ماڭالماي،
مەندىن تىخى، يا  يىراق يەرگە قاچالماي.
دەرىسلىرىڭنى  جايىدا ،يا  تەكرار قىلالماي،
مۇھەببەتىڭنىڭ قولىنى، يا  چىڭ تۇتالماي.

مۇھەببىتىڭ كۇتتى تۆت كۆزى بىلەن،
كەلمىدىڭ يانىغا ئارزۇ ئەقىدە بىلەن.
ئىناقلىقتا ئۆتسۇن ئۆمۇر ھەر كۇنى،
سىنى ھەمراھ قىلىپ ئىستەكلەر بىلەن.

چىچەكلەمدىكىن ھايات ساڭا  ھەر كۇنى،
كۇلۇپ قارا ،قىسىسا كۆزى، ئاڭلانسا ئۇنى.
سىنى كۆرسە ھاياتى ئۇرغۇيدۇ ئىقىندەك،
كەتكەندە قەدىرىگە يىتىسەن بىر  كۇنى.

تەنھا تۇرنا  
2016/11/24  كەچ
     





52 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-25 2:35:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ