كەتتىڭ

كەتتىڭ


  سىزەتتىم ئۆزۈمچە ئارىمىز يېقىن،
ئۈمۈدلىك كۆزلىرىڭ شۇنچە يارقىن.
ئەمدىلىكتە يېنمدىن كەتتڭ مەڭگۈگە،
ھەمرا بۇلۇپ كەتتىغۇ يۈركۈم لىكىن  .


مەن بارچە سىرىمنى ساڭا تۆكەتتىم،
تەسەللىنى ئۆزۈمگە سەندىن كۈتەتتىم.
شۇنچىلىك ئامراق-ئىجىل ئىدۇق بىز،
سىنى ھەتتا قېرنداش سىڭلىم كۆرەتتىم.

سەۋەپسىزلا مەڭگۈگە بولدۇققۇ جۇدا،
بىلمدىم سەن خاتامۇ يا مەن خاتا.
ڭۆڭلۈم بۇنچىلىڭ ئازار يېمەس ئىدى،
دوسلۇققا يولنى قويساق ھەرھالدا.

بەس دەۋەتتىم ئېيتقان باھانە سۆزۈڭگە،
كاچات قويدۇم قەھرىمدە سۆيگۈم يۈزىگە.
كۆڭۈل دېگەن تېڭىلماس بىرگە مەجبۇر،
بوپتۇلا دېدىم ھەممنى بېرىپ ئۆزۈڭگە.

ئادەم كۆڭلى ئەزەلدىن ئارلاشما, ئەبجەش،
مۈشكۈلدە ئايان بۇلۇر ماھىتى, ئەپتى.
سۆيگۈدە ئاجايىپ سىرلىق كۈچ باردۇر،
كۈل قىلىدۇ گاھىدا ئاشىقنى تەپتى.

     





38 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-18 18:29:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ