ئىنسانلىرىم
مىرزەكىم مىرغىياس
ئەلمىساقتىن ياشاپ كەلدۇق بىز.
بىر زېمىندا ھەمدەم بولۇشۇپ.
شۇ سەۋەبتىن يۈرىمىز يەنە.
بىرى- بىرگە ئورا كولوشۇپ.
ئىنسانلىقتا يۈرمىدۇقمۇ بىز.
ئىشرەت ئۈچۈن غورۇردىن كېچىپ.
يۈرەر يەنە شۇ ئىنسانلىرىم.
مال دۇنياغا ۋىجداننى سېتىپ.
پۇل مال ئۈچۈن ئەقىلدىن ئېزىپ.
ھالاكەتتىن كۈندە ئەنسىرەپ.
ۋىجدان بىلەن ئازغۇن ئالدىدا.
ئاز ئەمەسقۇ يۈرگەن تەمتىرەپ.
ياشايلى بىز دۇنيادا تۈزۈك.
قالمايلى بىز ئاچچىق ئەلەمگە.
ئىللىقلىققا تولسۇن بۇ ئالەم.
پاك ياشايلى مەڭگۈ ئەبەدكە.
نادانلىقتىن ئويغىنىڭلار تېز.
ئازغۇن ئۇرغان ئەي ئىنسانلىرىم!
شېئىرىي.مىرزە كىم. مىرغىياس.
390 قېتىم كۆرۈلدى | مىرزەكىم مىرغىياس | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-19 4:56:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-2-21 21:09:31 | ت تەلكى |
ئېسىل چىقىپتۇ تېخىمۇ غەيرەت قىل |
2017-2-21 21:03:42 | ئابدىرىشىت |
راس دەيدۇ ئاغىنەم |
2017-2-21 20:50:54 | ئالىم |
بەك ياخشى يىزىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|