تاللاشلار قسمەتكە بولىدۇ پايخان
تاللاشلار قسمەتكە بولىدۇ پايخان ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك) ياشىدىڭ قانچلك؟ ئويلنىپ كۆرمەي، قىرتىپ بارامسەن ئالتۇن ياشلىقنى؟ ھاياتىڭ مەنزىلى نە؟ بىكىتى قايان؟ تاپالماي يۈرەمسەن،قەلەم قاشلىقنى، بىرنى چوڭ بىلىپ، بىردىن چېنىپ، بىرلەرنى ئەزىزلەپ، بىرىدىن تىنىپ. بىرنى ياقتۇرماي، بىرلىرىگە چىقىپ، ناھەق مۇش ئاتقۇزدۇڭ،يالغاننى قتىپ. چۆكەرىسەن خىياللار چوڭقۇرلىقىغا، تاللاشلار قىسمەتكە بولىدۇ پايخان. كۈتىسەن كىمنىدۇر ھايات يولوڭدا، ئەمما ئۇ كۈلىپەتتە ئۆلىدۇ ئايخان. ئۆتىدۇكۈنلىرىڭ ئۆمۈر ئۆتكەندەك، رىئاللىق بىلىنەر چۈشتەكلا ھامان. چۈش ئەمەس بەلكى،قارا باسقاندۇر، ئىشنىپ باقىسەن بولىسمۇ يالغان. يالغۇزلۇق قينايدۇ،تەنلىرىڭ ياپراق، ياپىراقىمۇ ۋاقېتسىز بولىدۇ خازان. يەتكۈڭ بار مەنزىلڭ،ئامالسز ئەمما، قەدىمڭ مىڭ تەستە يۆتكەيسەن ئاران. يوقىتىپ بارسەن بىر-بىرلەپ ئاستا، مەنېىسز تۇيۇلار پۈتكۈل يەر-جاھان. ماڭسەن مەنزىلىڭ بىر ئۆمۈر ياياق، مەڭگۈلۈك تاللاشلار بىكەتتە قالغان. 2017-يىلى11-ئىيۇن گۇما(قارىتاغىز)



31 قېتىم كۆرۈلدى ئوسمان ئابدۇللا ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-11 12:43:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ