بۈگۈنكى دۇنيا
(مۇخەممەس)
ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن
دېگەن ئېدى ئەجدادلىرمىز ،بېسىڭلار دەپ ئىزىمىزنى،
لېكىن بىزلەر ئولتۇرۋالدۇق، قۇچاقلاپ ھەم تىزىمىزنى.
بۇزمىغانتى ئاتا-بوۋىلار ، بىزلەر بۇزدۇق لەۋزىمىزنى ،
بىزلەر كېتىپ ئەۋلادلىرمىز، تۆلەر بولدى قەرزىمىزنى .
ئۆزگىرەپتۇ بۈگۈن دۇنيا كىمگە دەيمىز ئەرزىمىزنى .
***
كىچىككىنە ئوغۇل قىزلار ، بەزمىلەردە ئويناپ يۈرگەن ،
نەسھەت قىلسا تىڭشىماستىن، ئاتا ئانىغا چىراي تۈرگەن.
ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدا، پۇل مال دۇنيا ھۆكۈم سۈرگەن،
ئۆرىپ- ئادەت پەزىلەتنى ،خىجىل بولماي چۆرىۋەتكەن.
نېمە بولدى بۈگۈن دۇنيا باشقىچىلا ياشار بولدۇق.
***
چاقنار ئىدى قۇياش كۆكتە،مەۋجۇداتقا يورۇق بېرىپ،
بۈگۈن دۇنيا بولدى زۇلمەت ،قالغانمىكىن قۇياش ھېرىپ.
زىمىستانمۇ رەھىم قىلماي،يېشىللىقنى كەتتى سېرىپ،
نەسھەت قىلىپ ئاتىلارمۇ ،كۆردۇق ئەنە كەتتى قېرىپ.
ئويلىنايلى مەنپەئەتچۈن قېرىنداشتن قاچار بولدۇق.
***
سالساڭ نەزەر ئەتراپىڭغا،غېرىپ مىسكىن بەكمۇكۆپكەن ،
ياردەم قىلماي غېرىپلارغا ،يوق دەردىنى تازا تۆككەن .
ئاجىزلارنى كۈچى بارلار ،كۆز ئالدىڭدا بوزەك ئەتكەن ،
ئويلاپ قالدىم بىزلەردىكى ،ئاشۇ ئۆملۈك نەگە كەتكەن .
بىر يۇرىتقا پېتىشالماي، كۆپ جايلاردا سەرسان بولدۇق.
***
ئىشنىش يوق دوسلار ئارا،قويمىچىلىق كۆپيىپ كېتىپ،
ھەققىقەتكە يۈزلىنىش يوق،توغرا يولدىن كەتتۇق تېنىپ.
چوڭ سۆزلىدۇق سورۇنلاردا ،سەھنىلەردەقالدۇق چېنىپ،
سوئال سوراق كېلەر بىر كۈن، ئۆزىمىزگە قالار يېنىپ .
كەلگۈسىنى قويماي ئويلاپ تۆنۆگۈن دەپ ئۆتەر بولدۇق.
***
ئارزۇيىمىز كۆمۈلۈپ قالغان ، يېڭىلىققا ئىنتىلىش يوق،
مال دۇنيادىن باشقا ئىشلار ،كاللىمىزدا پەقەتلا يوق .
شۇنچەتىرشىپ ئىشلىسەكمۇ ،يانچۇقلىرمىزھامان قۇرۇق،
شۇنچە بېيىپ كەتسەكمۇبىز،قەبرىلىرمىز بولماس يورۇق.
مال دۇنياغا بولۇپ ئامراق شەيتانلارغا ئەگىشەر بولدۇق.
***
بۈگۈن نېمە بولدۇڭ دۇنيا ،يەتمەك بولدۇم سىرلىرىڭغا ،
سەبىرلەردىن ئۆزگە يول يوق،شۇ رەھىمسىز يىللىرىڭغا .
تەشنا بولۇپ ئۆتكەن ئىدۇق،بوستان كەبى باغلىرىڭغا ،
بۈگۈن دۇنيا ئېلىپ كەتتىڭ ،قۇم بورانلىق سايلىرىڭغا .
شۇسايلاردا غېرىپ كەبى سەنەم قەدرىگە يېتەر بولدۇق.
***
يېتەرمىزمۇ شۇ غېرىپتەك ،سەنەملەرنىڭ ۋىسالىغا ،
كېتەرمىزمۇ ياكى بىر كۈن ،ئۇشبۇ گۇناھ ھېسابىغا .
كېلىپ ئەخمەق تۈگىشەرمۇ ،تويماي دۇنيا بىساتىغا،
ياخشىلنىشى بۇ دۇنيانىڭ ،باغلىق ئادەم ئىنسابىغا .
گۇناھلارغا پېتىپ يەنە جازالارغا كېتەر بولدۇق .
***
2016.11.5. كەچ سايرام
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ
234 قېتىم كۆرۈلدى |
uqkun013 |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2016-11-26 12:16:01 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-11 13:54:37 |
ئۇكام بەك ياخشى يېزپسىز تېخمۇ تىرشىڭ |
ئۇكام بەك ياخشى يېزىپسىز |
2016-12-4 4:10:41 |
...................... |
مەن بۇ تىمىنى بەك ياقتۇردۇم |
2016-12-1 12:37:56 |
تەبەسسۇم. |
شۇنچىلىك ياخشى يېزىلىپتۇ.گۈزەل ئەخلاق، ۋىجدانلارغا تاقىشىدىكەن.قالتىس يېزىپسىز. |
ئىنكاس يېزىڭ