پۇشايمان (شېئىر)
ساۋۇت سەدەن (ئانارى)
ئۆتەر ئىدى ئۆمرىمىز يايراپ كۇلۇپ مېھماندا بىز،
ھەم شىرىن ئىستەك بىلەن ياتار ئىدۇق ئايۋاندا بىز .
ئۇيغۇناتتۇق تاڭ سەھەردە بۇلبۇل خۇش ناۋاسىدىن ،
كىم يېقىلسا تەڭ يۆلەتتۇق ئۆز ئارا غەمغانە بىز .
كەتتى بىراق كەتتى ئۇزاپ كەتتى ئەشۇ كۇنىمىز ،
قالدى پەقەت دىلىمىزدا ئۆچمەس ئەشۇ ئىزىمىز .
ئەسىر بولۇپ ئس-تۇتۇنگە دەپنە قىلدۇق ھەممىنى،
كەچۇرمەيدۇ ئەمدى بىزنى ھەتتا ئوغۇل-قىزىمىز.
ئۆتكۇزدۇق بىز چوڭ خاتالىق دەتكە تولدى ئىچىمىز،
بىلىپ تۇرۇپ يامانلىقنى نىچۇن ئىسنى چىكىمىز .
تۇگىدى بۇ ئىس بىلەن تەڭ ھەممە ئارزۇ-ئارمانلا ،
قېنى ئەمدى شۇنچە تاتلىق خوشال ئۆتكەن چېغىمىز.
تىلىفۇن:13677580459
| 37 قېتىم كۆرۈلدى | ساۋۇت سەدەن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-22 12:36:59 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|