سەۋدالىق سەترىلىرى
ئاپتۇرى : سەۋدا
1- قىسىم
دۇنيارىڭغا كېرىپ دۇنياسىنى بەرگەن ئادىمىڭنى دۇنياغا تىگىشمە دەيدىكەن ، سىز دەل دەل شۇ ئادېمىم . يۇرت ھالقىغان سۆيگىمىز ۋىسال تاپسىكەن دەيمەن
سەدەف
بۇ ئەسىرىمنى ئۆزىنىڭ ئىسىلىقى بىلەن ھاياتىمنى ياشناتقان ، كۈلكىسى بىلەن يۈرۈكۈمنى كۈلدۈرگەن بارلىقىم « سەدەف » ئالاھىدە ئۆرمېتىم بىلەن تۇتۇم !!!
سەۋدا
ھايات قىسمەتلىرى ئاجايىپ بولىدىكەن ھە جىنىم . ئويلىمىغان بولغىيتىڭ؟مۇشۇ يات شەھەردە ئىككى ئاشىق قەلىپنىڭ تىپىشىشىنى ، ئويلىمىغان بولغىيتىڭ ؟ مۇشۇ ساختىلىق ، ھىلگەرلىك ، قۇلۇق ھۆكۈم سۈرۋاتقان مۇشۇ زاماندا ئىككى پاك قەلىپنىڭ قوشۇلۇپ ، ئۈزۈلمەس سۆيگۈ سىمفونىيەسىنى ياڭرىتىشنى . راس ، مەنمۇ ئويلىمىغان ، مۇشۇ مۇساپىرچىلىق ھاياتىمدا تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن سەندەك بىر ئىسىل قەلىب ئىگىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك سايىبخانى بولۇشنى ، يەنە ھايات يوللۇرۇمدا شۇنچىلىك شىرىن ، ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنىڭ قىلىشىنى .....
مۇھەببەت – ئىنسانىڭ تۇيغۇسى شېرىن ،
ساداقەت – ۋىسالدۇر ئۇنىڭ مىۋىسى .
ئۇنىڭسىز بىمەنە جاھان ۋە ئادەم ،
تۈپەيلى ئادەمنى توپان باسقۇسى .
شۇنداق ، بىز تەڭرى ئىرادىسى بىلەن تونۇشۇپ ، تەڭرى ھۆكىمى بىلەن باغلانغان ئاشىقلارمىز . جىنىم ، سېنىڭ ئىسىلىقىڭغا گەپ كەتمەيدۇ . بۇنداق دىسەم ھەممە يىقىنلىرىنى ماختايدۇ دېىشى مومكىن ، لېكىن سېنىڭ ئىسىلىقىڭ بىر تىلسىم ، مىھرىڭ بىر مۆجىزە . ئېسىڭدىمۇ ؟ بىز كۆرۈشكەن تۇنجى كۈنىلا شۇ ئېسىلىقىڭ ئۆز كامالىتىنى بىلدۈرگەن ئىدى . شۇدەم ئېسىلىقىڭغا قوشۇلغان مىھرىڭ سېنى كۆڭۈل سۈلتانلىقىمغا مۆجىزىلەرچە باشلاپ كېرگەن ، ھۆرمەت پانۇسلىرنى زوق بىلەن ياندۇرغان . شۇ پانۇسلاردىن چاچرىغان ئۇچقۇن سۆيگۈ تۇيغۇلىرىمنى ئويغاتقان ئىدى ،
ھىلىمۇ يادىمدىن چىقمايدۇ . شۇ كۈنىدىكى تۇنجى ئۇچۇرشىشىمىز مىسكىن دىللارغا مىھنەتسىز ئەجىر بىرىشىمىزدىن باشلانغان ئىدى . مانا مۇشۇ كەمگىچە ئىكىمىز بىر تىنىقتا تۇرۇپ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە شۇنداق ئىشلارنى قىلدۇق . نۇرغۇن قەلىبلەرنى ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن شادلاندۇردۇق ، كۈلدۈردۇق ، خۇشال قىلدۇق . مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا بىز تەڭرى ئىرادىسىنى بىرگە يەتكۈزدۇق . دۇنيادا شۇنداق ئوخشاش قوشماق يۈرەك پاسىبانلىرى قانچە دەيسەن !!!
شۇنداق مىھىر باشقىچە بولامدىغاندۇ ؟ شۇ قەدەملەرنى ئىلىش جەريانىدا بىز ئۆزئارا يار – يۆلەكتە بولۇپ قەدەم ، تىنىقلىرىمىزنى بىر قىلدۇق ، بۇنىڭ بىلەن مىھرىمىز ئورتاقلاشتى ، يۈرىكىمىز تۇتاشتى . ئىلگىركى زىنھار تونۇشمايدىغان ئىككى ماكان ئەھلىدىن ناگان بىقىشىپ قانمايدىغان ئاشىقلارغا ئايلاندۇق . بىزنىڭ بەختىمىز ئورتاق ، مىھرىمىز تۇتاش ، قەلبىمىز جۇشقۇن ، يۈرىكىمىز ئۇچقۇن . ھەممە بىزگە ھەۋەس بىلەن قارىشىدۇ . بۇلارنىڭ ھەمىسى تەڭرى ئىرادىسى بىلەن شۇ ئىككى ئاشىق قەلىبنى جاھان تامان ئۇچراشتۇرۇپ ، قىنىشمىغىدەك ، قىيىشمىغىدەك دەرىجىدە مۇھەببەت ئوتلىرىنى سالغانلىقىنىڭ يالدامىسى بولسا كېرەك .
خەيىر جانىم ، ساڭا ئايان ، پاك ، غۇبارسىز سۆيگۈ سۇلتانلىقىمىزغا تۈمەن مىڭلاپ داستانلارنى يازساممۇ قەلبىم قانائەت تاپمايدۇ ، بۇ ئاددىي سۆزلىرىم كار قىلمايدۇ . شۇنداقتىمۇ ساڭا ئاشىق قەلبىم جىنىنىڭ بارىچە داۋالغۇپ قولۇمغا قەلەم ئالغۇزدى دە ، ئۆزۈممۇ سەزمەس ھالدا شۇ قاملاشمىغان قۇرارنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . بۇ بىر سەۋدانىڭ ئاشىق كۈيى ، بۇ ئارقىلىق شۇ قۇرلاردىن سېنىڭ ھىدىڭنى پۇرايمەن ، سىمايىڭنى ئىزدەيمەن ، ئىزىڭنى باسىمەن ، روھىمنى پاكلايمەن . بۇ ئوتلۇق ئەمما ھەسرەتلىك ، مىھىرلىك ئەمما سەۋدالىق بىلەن تولغان ئەسەرنىڭ قاچانغىچە ، قانچىلىك داۋام قىلىدىغىنىنى ئۇقمايمەن . شۇنداقتىمۇ بۈگۈن مۇشۇ يەردە تامام قىلاي .
ئاپتىبوس ئەينەكلىرى ئارقىلىق بىرلا قىتىم يىراقلىشىدىغان يولۇچى بۇلۇتلارنىڭ ئەڭ ئىغىرى ھىسابلىنىدىغان ، ھەمدە تۇيغۇمىز ئارقىلىق ئارقىلىق ھىسسىي ئۇچۇرشىدىغان ، كۆڭۈل ئاسمىنىمدىن يامغۇر كەبىي تۆكۈلۈپ ، شەبنەم كەبىي لەۋلىرىمنى سۆيۈپ ئۆتىدىغان ئەي نىگارىم ، مەن سېنى سىغىنغاندەك ، سەنمۇ مىنى سىغىنغانسەنمۇ ؟!!!
ئاخرىدا شۇ ساماۋىي قۇدۇرتى بىلەن ئاشىق ئوتىنى سالغان كېشىدىن ھەر بىر تىنىقىڭغا ئاسانلىق تىلەپ بۇ سەۋدالىق سەترىلىرىمنى ئاخىرلشتۇرىمەن .
2017- يىلى 6- ئاينىڭ 17- كۈنى ( شەنبە ) سەھەر ، ئۈرۈمچى
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!!
| 105 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
| 2017-6-17 3:52:41 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|