قەدرىمنى بىلەرسەن قەدرىم ئۆتكەندە

قەدرىمنى بىلەرسەن قەدرىم ئۆتكەندە


ئاپتۇرى:رەخمىدىن قاسىم


شۇنچىلىك كۆيسەممۇ بىلمىدىڭ يارىم،
ئ‍ىزدەيسەن يىنىڭدىن ئ‍ىزىم ئ‍ۆچكەندە.
تەقەززا بولغاندا پەرۋا قىلمىساڭ،
قەدرىمنى بىلەرسەن قەدرىم ئۆتكەندە.

 

بىر كۈنى كۆيەرسەن مەندىن باشقىغا،
تۈلكىلەر ياخشى دەپ سېنى كۈتكەندە.
ئازار يەپ يىغلىساڭ شۇلاردىن سەنمۇ،
قەدرىمنى بىلەرسەن قەدرىم ئۆتكەندە.

 

يامانىڭ ئ‍وتىلىرى ئ‍ۇندىن ياماندۇر،
تىگىگە يىتەرسەن ئازاپ يۈتكەندە.
بىلىپ قوي ئ‍ەي جانان كۆيگەنلىرىمنى،
قەدرىمنى بىلەرسەن قەدىرىم ئۆتكەندە.


2015-يىلى8-ئاينىڭ3-كۈنى





172 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-7 10:20:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ