ئۇنتۇش ئەسلى
مۇكەررەم ئەخمەت
بەلكى ئۇنتۇپ كىتەرمەن دەقىق،
ئازاپلىرىڭ سالغاندا كىشەن.
نەپرەت بىلەن مۇھەببەت ئىچرە ،
يۈرەك يەنە سىنى دەر ئىشەن.
ئۇنۇتتۇم دەپ جار سالسا تىلىم ،
ئۇچقۇن كەبى يانار بىر ئارمان .
ياشاي دەيمەن سەنسىزمۇ لىكىن ،
يۈرىكىمنىڭ كۆنمىكى گۇمان .
يوشۇرۇپ چىن سۆيگۈ ئوتىنى ،
ئۇنتۇش ئۈچۈن قىلدىم تەرەددۇت .
ئەمما سەزمەي قاپتۇ يۈرىكىم ،
مۇڭلىرىمدا بوپسەن تەۋەللۇت.
| 136 قېتىم كۆرۈلدى | مۇكەررەم ئەخمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-8-27 23:44:17 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|