مىھرىڭدىن گۈل چاچالامسەن

‏‏ مىھرىڭدىن گۈل چاچالامسەن؟

 

‏ ‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

‏ ‏خالايىق ئالدىدا ۋىجدانىم بار دەپ،

 ‏قوروق گەپ سېتىشتىن خىجىل بولمامسەن؟

 ‏ساۋادىڭ يوق تۇرۇپ ۋىجدان،ئەخلاقتىن،

 ‏يەنە بۇ جەھەتتە لاپ ئاتالامسەن؟

 

‏ ‏ھاجەتمەن بىر كىشى ياردەملەر سوراپ،

‏كەلسە گەر ئالدىڭغا تىيىن بەرمەيسەن.

‏ئىشرەتكە چاچىسەن تاپقان پۇلۇڭنى،

 ‏ياخشىلىق قىلىشنى راۋا كۆرمەيسەن.

 

 ‏ ‏جانانىڭ ئاھ ئۇرار بىۋاپا يار دەپ،

 ‏دۇنيانىڭ گۈلىنى نىچۈن چەيلەيسەن؟

 ‏ئاناڭمۇ قىز ئىدى تۇغقانغۇ سېنى،

 ‏نىمىشقا سەن بۇنى ئويلاپ باقمايسەن؟

 

 ‏ ‏ئۆزۈڭنى دۇنيادا بىر نوچى چاغلاپ،

 ‏بىچارە،مىسكىنگە نەزەر سالمايسەن.

 ‏قەلبىڭدە بولمىغاچ ۋىجدانى بىلىم،

 مىھىر-ۋاپا،ساداقەتنى،بىلمەيسەن‏.

 

 ‏ ‏ئاتا-ئاناڭ ساقلار قاچان كېلەر دەپ،

 ‏تەلمۈرسە يولۇڭغا بىر رەت كەلمەيسەن.

 ‏چوڭ قىلغان ئىدىغۇ ئارزۇلاپ سېنى،

 ‏ئەجرىگە ئاشۇنداق جاۋاب قىلامسەن؟ ‏

 

 ‏ئېيتقىنا مىھىرنى چۈشەنمەي تۇرۇپ،

 ‏ۋىجداندىن بىر جۈملە سۆز ئاچالامسەن؟

 ‏قەلبىڭنى ۋاپادا بىزىمەي تۇرۇپ،

 ‏بىراۋغا مىھرىڭدىن گۈل چاچالامسەن؟ ‏

 

 ‏2015-يىل باي چوڭ كۆۋرۈك





168 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-10 23:57:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ