تاماكا ئىلىۋاتقان قىز (نەسىر) - ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

 تاماكا ئىلىۋاتقان قىز
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
نەسىر 


 بۈگۈن چۈشتىن كىيىن ئىمتاھانىمدىن چىقىپ كۆڭلۈم شۈنچە يىرىم . ياتاققا كىرىپ تىلفۇنىمنى قويۇپ قويدۇم دە ، ئىككى ھەپتە بۇرۇن تونۇشقان ، ھىچقانداق قارۇغۇچىسى يوق ، ئىككى كۈندە بىر قىتىم بىرىپ ئىشلىرىغا قارىشىپ بىرىپ خۇددى ئۆز ئاپامدەك بولۇپ قالغان ھەدەشنىڭ يىنىغا بىرىپ پاراڭلىشىپ خىلى كەچ قايتىپ كەلدىم ۋە مەكتەپ ئىچىدىكى تاللا بازىرىغا كېرىپ ئازراق بىرنەرسىلەرنى ئىلىپ پۇل تاپشۇرۇش ئورنىدا كارتا سۈركەشكە تەمشىلۋاتاتىم تۇيۇقسىز ئارقا تەرەپتىن :
- شۆلىيەندىن بىر قاپ بىرىڭە ! . بىر قىزنىڭ ياڭراق ئاۋازى ئاڭلاندى . مەن خىيالىمدا ھە بىر نەرسە ئىلۋاتىدىغۇ دەپ ئانچە ئىرەڭشىمەپتىمەن . مال ساتقۇچى خادىم بىشىنى كۆتۈرۈپ قىزغا قارىۋەتكەندىن كىيىن كەينى تەرەپتىكى تۈرلۈك تاماكىلار تىزىلغان مال جازىسىدىن بىر قاپ تاماكىنى قىزغا تەڭلىدى . شۇ ئەسنادا كۆز ئالدىمدا زاھىر بولىۋاتقان ، بايا ئاڭلىغان ئىككى سىزىمنى بىرلەشتۈردۈم دە ، كارتا سۈركەش ئۈچۈن تەڭلىگەن قولۇمنىڭ ھاۋادا لەيلەپ قىلىشىغا قارىماي يىنىمغا قارىدىم . قارىدىميۇ ئەندىكىپ كەتتىم . چۈنكى كۆز ئالدىمدا چىرايلىقىنە ئىككى قىز ، بىر قىزنىڭ قولىدا بايا مال ساتقۇچى ھەدەش ئىلىپ بەرگەن < شۆلىيەن > ماركىلىق تاماكا تۇراتتى . كۆزلىرىمگە ، قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم . شۇنچە چىرايلىق بۇ ئىككى قىز ... تاماكا تۇتىۋالغان قىز تاماكا قىپىنى ئۆرۈپ – چۆرۈپ دىگۈدەك قارىدى ۋە ھەمراھىدىن :
- ئاداش ، بۇ نىمە خۇمارىمىزنى باسالامۇ ؟ دەپ غەلىيتە بىر تەلەپپۇزدا سورىدى .
- ئەلۋەتتە ئاداش ، مەن دائىم شۇنى چىكىمەن ، شۇنچە ھۇزۇرلۇق دىگىنە ! .
- ھە ، نەچە پۇل ھەدە ؟
- ئونبىركوي ئاداش ، ئىلىڭە ما پۇلنى ، دەپ ئونبىر يۈەننى ئۇستەل ئۈستىگە تاشلاپ قويۇپ شۇنچە سەت كۈلگەن پىتى چىقىپ كەتتى .  توۋا ! قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم چوڭلارنىڭ < كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ  > دىگەن سۆزىنىڭ تىگىگە يەتكەندەك بولۇپ < شۈكرى ! > دىدىم ئىچىمدە . دىقىتىمنى يىغىپ كارتا تۇتۇپن  ھاۋادا لەيلەپ قالغان قولۇمنى چۈشۈرۈپ ھىساۋات قىلدىم دە ، چىقىپ كەتتىم .....
كىتىۋاتىمەن ، كۆز ئالدىمدا بايىقى كۆرۈنىشلەر ، قولاق تۈۋۈمدە بايىقى ئاۋازلار ، سەت كۈلكىلەر ....
ئەي ئەقىللىق مىھنەتكەش ، كەلگۈسى پەتزەتنىڭ ، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئانىسى بولىمىش قىزلىرىمىز !  شۇ قەلەم تۇتقان ، كىيىن ئۆز پەرزەنتىڭىز ، ۋەتەنىڭ كەلگۈسى ئۈمۈتلىرىنىڭ شۇ پاك تىنىنى ، بۆشىگىنى تۇتىدىغان مۆھتىرەم ئانىلىرىمىز ! بۈگۈن سىلەر نىمە تۇتۇڭلار !!! سىلەر تاماكا ئەمەس زەھەر تۇتۇڭلار ، ئۇ زەھەر سىلەرنىڭ تىنىڭلار ، روھىيتىڭلارنى بۇلغايدۇ . ئەلۋەتتە ، ئۇ بۇلغاش شۇنىڭبىلەنلا توختاپ قالسا بولاتتى ئەڭ مۇھىمى ئايال ، ئانا  ! دىگەن شۇ نامىڭلارنى بۇلغايدۇ ئايال ، ئانا دىگەن نامنى پۈتكۈل دۇنيا خەلىقى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ . ئايال ئۆزىنىڭ پاكلىقى ، شەرمى – ھاياسى ، ئىپەت – نومىسى بىلەن ئايال دەپ ئاتىلىپ ، پەرزەتنىڭ ، ياق بىر مىللەتنىڭ ئانىسى بولۇشقا قاراپ ماڭىدۇ . ئانا بارلىق كائىناتنى تەۋەلۇد قىلغىنى ئۈچۈن ھۆرمەت تەختىدىن ئورۇن ئالىدۇ .
 ئەلۋەتتە ، بۇ كۆرۈنۈش پۈتكۈل ئاياللارغا ، ئانىلىرىمىزغا ، شۇ ئىپەتلىك ھەمشىرە قىزلىرىمىزنىڭ ھەمىسى شۇنداق دىگەنلىك ئەمەس ، شۇ قىزلىرىمىز ، ئايالىرىمىز ئارىسىدىمۇ نى نى باھادىر سەرۋازلار ، تاغنى تالقان قىلغۇدەك جاسارەتلىك ، ۋەتەن مىللەت ، يۈرتى ئۈچۈن ئىسىق قىنىنى ، جىنىنى تەسەددۇق قىلغانلار ئاز ئەمەس . لېكىن شۇ بىر ئۇچۇم ئىپلاس رەۋەندىلەر بۈيۈكلۈك مۇقامىنى ئۈزۈلدۈرمەي ياڭرىتىۋاتقان ئۇلۇغلىرىمىزنى يۈزىنى تۆكىۋاتىدۇ . قارايدىغان بولساق بىر قىسىم ئىپلاس قىز –ئايالىرىمىز < قىز ، ئايالىق > تونىغا شۇ رەزىل ، ئىپلاس روھىيتى ماكان قىلىپ ياتقان تىنىنى مەھكەم ئوراپ بەزىلەر پۇل ئۈچۈن تۈرلۈك خانىلەردە ۋىجدانىغا تەيەرچۆپ چىلاپ يەپ ، شۇ نىجىس پۇلنىڭ قۇلدارلىقىدا شۇ ئىپلاس ئەرلەرنىڭ قونچىقىغا ئايلانماقتا . بىرقىسىم قىز – ئاياللىرىمىز ئەپىيۇندىن ئىبارەت رەزىل ئالۋاستىنىڭ چاڭگىلىدا بىچارىلەرچە ئىڭراپ جان بەرمەكتە ....
 شۇنى ئىتراپ قىلىمىزكى ، بۇلارنىڭ شۇنداق بولۇپ كىتىشىدە ئىلگىرى شەمشەر تۇتۇپ ۋەتەن قوغدىغان ، ھازىر بولسا چۈمۈچنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ ، شۇ غۇرۇرىنى كۆڭلىنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا تاشلاپ بەرگەن ئۆزىنى مەن ئەركەك دەپ بەيدىسىگە مۇشلاپ يۈرىۋاتقان باھادىر ئەزمەتلىرىمىزنىڭ گۇناھى ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمىز .  
 تارىختا شۇنداق قىز – ئايالىرىمىز ئۆتكەن . ئۇلار شۇ قولىرىدا تاماكا ئەمەس خەنجەر تۇتۇپ ۋەتەن قوغدىغان !!!
ئۇلار خانىلەردە ۋىجدانىغا تەيەرچۆپ چىلاپ يەپ كىچىنى ناشايەن ئىشلار بىلەن تاڭغا ئۇلىمىغان بەلكى ، ۋەتەنىڭ ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولىمىش پەرزەتلىرىنى بىقىش ئۈچۈن كىرپىك قاقمىغان !!!
ئۇلار، قولىدا زەھەر ئىشپىرىسىنى ئىپلاس تىنىگە سانجىمىغان ، بەلكى ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ شۇ مۇبارەك قوللىرى بىلەن ئوقنىڭ كىرىچىنى تارتىپ ۋەتەن دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكىگە سانجىغان !!!
 قايسى بىر كىتابدا ئۇستاز ئابدۈشكۈرمۇھاممەدئىمىنىڭ < بىر مىللەتنى توپ – زەمبىرەكلا ئەمەس ، ئىچىملىك رومكىسى ، چىكىملىك نەيچىسى ، بۇزۇقچىلىمۇ خار – زەبۇن قىلالايدۇ !!!> دەپ كۆرگىنىم ئىسىمدە . ئەي ، قەدىرلىك مىھنەتكەش پەدەرى بۈزۈرۈك ئاچا – سىڭىلىرىم ، كەلگۈسى مىللەتنىڭ  ئانىلىرى بولىمىش قىز – ئايالىرىمىز ، سىلەر نىمە قىلۋاتقىنىڭلارنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ ؟!!!
2017- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى ، شەنبە ، كەچ ، ئۈرۈمچى .


     





437 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-2 7:32:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-5-25 8:42:06 زۈمەر
كۆپ تەشەككۈرلەر،يۈرەككە باردى بۇ نىدالەر، ئېزىۋاتقان،ئانا بولمىش گەر شۇ قىزلار كۆرسەلەر، كۆرمەس،ئەمەس كۆرەدۇر،ۋەلېكىن ئېگىسى ئەمەس، بولسا ئازراق ۋىجدانى،يۈرەكنىڭ بېغىغا تېگەر.
2017-4-24 16:41:18 چالىقۇشى
بەك ئېسىل يېزىلىپتۇ ،ھەققىقەتەن ئويلۇنۇشقا ،ئىبرەت ئېلىشقا تىگىشلىك قىز ئايالار ھازىر ئىپەت ،ھايا مەسىلىسىدە بەك پەرۋاسىز ئوزلىرىنىڭ كەلگۇسىدىكى ئانا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەكلا بىر قولىدا بوشۇكنى، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدىغان قىز ئايالىرىمىزنىڭ كوپ چىقىشىنى ئۇمۇت قىلمەن رەھمەت سىزگە ئەختەر ئەپەندىم
2017-4-4 4:37:10 نۇرئەلى
جەميىتىمىزدە بونداق قىزلارنى يوق دىگىلى بولمايدۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ