يار
نۇرئەلى كاشغەر مۇقمىي
ئەزدى باغرىمنى پىراقىڭ ئىشقى ئوتۇڭ كۆيدۈردى يار،
كۈللى ھۆرلەر ئىچىدىن بالدەك لېۋىڭ سۆيدۈردى يار .

سېغىنىش تىلدى يۈرەكنى كويۇڭدا كور دىۋانىمەن ،
ھەر نەپەس بىر سەن ئۈچۈندۇر زۇلفۇڭ بىلەن باغلا دار .

ھىجرانغا لىق تولدى يۈرەك ،بېشىمدا تۈمەن قايغۇ دەرت ،
چۈشسە گەر تاغلار غۇلاپ ، ئەيلەر مېنى پارا -پار .

ئۆكۈنمەيمەن ،زارلىمايمەن مەيلى ئۆلتۈرسەڭ مېنى ،
تا ئەبەدكە ئەقىدەم يار سۇندۇرالماس خارۇ-زار .

بۇ ئوتتا كۆيدى نەۋائىي ، پەرھادۇ مەجنۇن ،غېرىب ،
مۇقمىي پەرۋانىمەن، كۆيسەم قالماس ئارۇ -ئار .
2015-يىلى 18-نويابىر
| 75 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرئەلى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-3 13:43:54 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|