ئەرلەر بۇنداق ئايالدىن بىزار

‏ئەرلەر بۇنداق ئايالدىن بىزار

 

يۇمۇرچى

 

‏ ‏بىلمىسە ئۇ دوستلۇق قەدرىنى،

 ‏چۈشەنمىسە جۈپتى قەلبىنى،

 ‏ئۆز نەپسىگە تارتسا ھەممىنى،

 ‏ئەرلەر بۇنداق ئايالدىن بىزار.

 

‏ ‏قوسىغىدا ئۆتەر غۇم ساقلاپ،

 ‏خىجىل بولماي ئۆزىنى ئاقلاپ،

 پىكىر بەرسە سەكرىسە تاقلاپ،

 ‏ئەرلەر بۇنداق ئايالدىن بىزار. ‏

 

 ‏مېنىڭ راست دەپ يول قويماس بىر رەت،

‏ئۆزى قوپال ، قىلىقلىرى سەت،

 ‏ئاڭلىمايدۇ پەندى - نەسىھەت، ‏

ئەرلەر بۇنداق ئايالدىن بىزار .

 

‏ ‏ئۆتۈپ تۇرار كۈندە سەۋەنلىك،

 ‏تۈزەتمەيدۇ بۇ بىر --كېسەللىك،

 ‏بەلخەم خىلىت، سەپرا مىجەزلىك،

 ‏ئەرلەر بۇنداق ئايالدىن بىزار.

 

 ‏ ‏يوق ئىش ئۆچۈن چىقىرار جىدەل،

 ‏تۆلەپ تۇرسا بۇنىڭغا بەدەل،

 ‏يۈزىگە قانچە بەرگەن بىلەن ھەل،

 ‏ئەرلەر بۇنداق ئايالدىن بىزار. ‏

 

 ‏ياخشى ئايال ئەر ئۈچۈن بايلىق،

 ‏خۇيلانغىنى--روھى گادايلىق،

‏گەر بولسىمۇ ئايدەك چىرايلىق،

 ‏ئەرلەر بۇنداق ئايالدىن بىزار.





310 قېتىم كۆرۈلدى yumurchi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-27 12:29:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ