جان دادا
مەمەتجان سەمەت
كەچۈر مىنى خان دادا،
قىلىپتىمەن بەك خاپا.
قول كۆتۈرۈپ مەن ھەتتا،
يېنىپتىمەن جان دادا.
باققىنىڭنى مەن ئۇنتۇپ،
ۋىجدانىمنى يوقۇتۇپ.
تاپقىنىڭنى ئۇتتۇرۇپ،
قېچىپتىمەن جان دادا.
كۈتكۈنىڭدەك بولالماي،
قولۇڭغا سۇ قۇيالماي.
يا بىر پاقلان سويالماي،
بېقىپتىمەن جان دادا.
تومۇزلاردا ئىسسىقتا،
كەتمەن چاپساڭ ئېتىزدا.
تاتلىق ئۇخلاپ بېغىڭدا،
يېتىپتىمەن جان دادا.
ماڭماي سېنىڭ كەينىڭدىن،
يانماي پەقەت پەيلىمدىن.
جانانلارنىڭ كەينىدىن،
چېپىپتىمەن جان دادا.
بىر ۋاپاسىز قىز ئۈچۈن،
شانۇ شەۋكەت يۈز ئۈچۈن.
دادام ئەمەس دەپ سەندىن،
تېنىپتىمەن جان دادا.
تۈزۈك سېنى باقالماي،
يا باغرىمغا باسالماي،
گەپلىرىڭنى ئاڭلىماي،
مېڭىپتىمەن جان دادا.
يەتكەن چاغدا قەدرىڭگە،
يېتىپ بولدۇڭ قەۋرەڭدە.
لەنەت بولسۇن ئەقلىمگە،
ئېزىپتىمەن جان دادا.
ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : چ چ . 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
214 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان سەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-28 22:32:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|