يۇلتۇزدىن كەلگەن ھىسلار
نۇرىمانگۈل ئابلىمىت
قوياش كەتتى كەلدى ببر كىچە ،
تۈن قوينىغا ئالدى زىمىنى.
ئاي ھۆسنىدىن ئۇيالغان يۇلتۇز ،
كۆز قىسىشىپ تارتتى مەيلىمنى.
خىيالمدىن كەچتى ئۈمۈدىلەر،
سۈكۈناتقا چۈمۈلدى ئەتراپ.
ئۆزۈم ئۈچۈن ئويلانسام بىر رەت،
يۈرۈپتىمەن مەنىسىز قاتراپ.
«كۆككە قارا، بىپايان ئاسمان ،
سىغدۇرىدۇ ئالەم سىھرىنى».
مەنمۇ شۇ تاپ سىغدۇراي ئاستا،
قەلبىمگە ھەم دۇنيا مىھرىنى.
يۇلتۇز دەيدۇ پىچىرلاپ يەنە،
«ئىغىر بىسىق بولغىن تاش كەبى.
ئىزلىرىڭدىن ئۈنمىسۇن تىككەن ،
سەن بىغۇبار ساددا ھەم سەبى».
شۇنچە تاتلىق كۈلدۈم ئۆزۈمچە،
تەنتەكلىككە بىرەلمەي بەرداش.
«يۇلتۇزلارغا كۆز قىسىپ مەنمۇ،
بۇلاي دىدىم مەڭگۈلۈك سىرداش…».
2016-يىلى 25-ئاۋغۇست ئاقتۇ
| 37 قېتىم كۆرۈلدى | dilraba | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-13 17:01:55 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|