ئەي يۈرەك - مېھىرنىسا قۇربان
ئەي يۈرەك 

مېھىرنىسا قۇربان 

يۈرۈگۈم پىچىرلاپ ئېيتىدۇ ناخشا،
ئەڭ نازۇك ھىسلارنى قوشاققا قېتىپ.
بىلمەيدۇ ھىچ كىشى ئۆزۈمدىن باشقا،
ئاڭلىسام كېتىمەن خىيالغا پېتىپ.

ئۇ مۇڭلۇق لىرىكا يىقىملىق ناخشا،
باشلايدۇ تۇيغۇمنى گۈزەل بىر ھىسقا.
شۇ ھىسلار قۇينىدا يۈرۈيمەن خۇشال،
سېڭىمەن دۇنيانىڭ ئىللىق باغرىغا.

ئەي،يۈرەك توختىماي ئېيتقىن ناخشاڭنى،
مەن سۈرەي سەندىنلا ھايات پەيزىنى.
ئېيتايلى ئىككىمىز قالمىسۇن سىرلار،
ئېيتمىغىن ھېچكىمگە مېنىڭ سىرىمنى.

ساڭىلا ئېيتايمەن كۆڭۈل سىرىمنى،
كەڭ ئاچقىن مەن ئۈچۈن كۆڭۈل قېتىڭنى.
سەن بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ياشايمەن،
سەن ئۈچۈن بېغىشلاپ ساداقىتىمنى.
2016-8-24




149 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-1 23:49:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-2 10:10:01 زۇبەير
بۇ شېئىر بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ,تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز,غەيرەت قىلىڭ👍
2016-9-2 9:50:11 شەبنەم
بەك ياخشى يىزىپسىز تىخىمۇ تىرىشىڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ