ئارمان - رەيھانگۈل راشىدىن

  ئارمان

رەيھانگۈل راشىدىن «قىرۇۋ»

ئۆتمۈشكە ئايلانغان قەلبىم تۆرىدە،
تىلەكلەر يېلىنجاپ تۇرىدۇ مەيۈس.
بىر ئۆمۈر ئارماندا قىلغان ئەقىدە،
خىيالغا ئايلانغان تولىمۇ ئەپسۇس.

قار بولۇپ ياغسكەن توساتتىن ئارمان،
ئالقىنىم ئۈستىدە ئېرىپ كەتسە گەر.
مورادىقا يەتمىگەچ يۈرەكلەر سەرسان،
خوشاللىق تاپمىدى تىلەكلەرمۇ زەر.

قالمىدى ھاياتتا ئۆمۈرنىڭ پەيزى،
چۈشلەرگە ئايلانغان خىيالارمۇ ھەم.
قالدىغۇ يۈرەكتە ھىجراننىڭ دەردى،
كۆزلەردە چاقنايدۇ ئارمانلاردا غەم.

2016.12.1
     





138 قېتىم كۆرۈلدى 26966145 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-1 18:55:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-12 3:46:44 ياسىنجان
ئالامەت ياخشى مەزمۇنكەن
2016-12-7 8:00:08 پاتىمە
بەك ياخشى يېزىپسىز قەلىمىڭىزتالمىغاي !!!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ