ھىجرانلىق مۇھاببەت (شېئىر) - زۇلپىيە ئۆمەر كاكتۇس

ھىجرانلىق مۇھاببەت
زۇلپىيە ئۆمەر كاكتۇس

ھىجراندا ئازاپلىق قىينىلىپ تۇرۇپ,
باقىمەن جاناننىڭ كۈزىگە ھەردەم.
يۈرەكلەر دۈپۈلدەپ سۇقۇپ تۇرسىمۇ,
مۇز كەبى قېتىشىپ كەتكەنتى بەدەن.

ھىجراننىڭ ئازابى بار ئىدى دەيدۇ,
روھنىمۇ تەننىمۇ شۇنداق قىينىغان.
نىمىشقا:-?شۇنچىلىك تىرىشقان تۇرۇپ,
ۋسالدىن شەربەتلەر ئىچەلمىدۇق ھەم.

سەن ماڭدىڭ ئۇزاققا يايرىم ئايرىلىپ,
مەن قالدىم ھىجراندا جاننى قىينىشىپ.
كۈتۈممەن شۇنچە ئۇزاقتىن بىرى,
گاھىدا يۈرەكنى مۇجۇپ يەردە يېقىلىپ.

كەلسەڭ سەن ئەگەردە كۈلەر ئىدىم مەن,
باغرىمنى كەڭ ئېچىپ كۈتەر ئىدىم مەن.
قاغجىرغان لەۋلەرگە تەبەسسۇم بىرىپ,
بەخىتنىڭ سۈيىدە ئاقار ئىدىم مەن.

كۈتۈشمۇ لەززەتكەن بىلسەم مەن ئەسلى,
ۋىسالغا يەتمىگەن بۇ مۇھاببەتتىن.
ئەگەردە ۋىسالسىز قالمىسا ھىچكىم,
قەدرىگە يەتمەيدۇ ,ئىشىق ئوقىبەتتىن.

جانانىم ئامان بول ھەر جايدا بولساڭ,
ئامانلىق تىلەيمەن ساڭا كۈن-تۈنلەپ.
بەخىت ئەمەسمۇ ھازىرچە ماڭا,
سەن تىنغان ھاۋادىن تىنسام گۈپۈلدەپ.
2016.11.8سەھەر
     





184 قېتىم كۆرۈلدى KAKTOS ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-9 10:27:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ