‎تارىم ئوغلىمەن - مەردان ئېزىز (تارىم ئوغلى)

  تارىم  ئوغلىمەن
مەردان ئېزىز  (تارىم ئوغلى)


‎تاپالمىدىم ئىقلىمنى كېزىپ،
‎بوۋام كەبى زاتى ئەركەكنى.
‎تىتىرەتكەن ھايات ۋاقتىدا،
‎قەھرى بىلەن زىمىن پەلەكنى.

‎ماڭا بەرگەن ئىللىق مېھرىگە،
‎ھەيران ئىدى بارچە كائىنات.
‎يەلكىسىدىن باسقان دەرت ئەلەم،
‎بولدى ماڭا سىرلىق تىلسىمات.

‎سىڭدى ماڭا بوۋامنىڭ پەيلى،
‎تىز پۈكمىدىم تۇرمۇش دەردىگە.
‎بوۋام كۆرگەن ئىسسىق-سوغۇقنى،
‎سۆزلەپ كەلدىم زىمىن ئەھلىگە.

‎بوۋام بەرگەن جاسارەت بىلەن،
‎ياشاپ كەلدىم جاپانى يېڭىپ.
‎ ئۆزۈم ئاددىي تارىم ئوغلانى،
‎ياشاپ كېتەي ئىزىڭنى بېسىپ.

‎2016-يىلى 14-نويابىر (星期一)
‎كېچە سائەت 11:27  (乌鲁木齐)

      





97 قېتىم كۆرۈلدى مەردان ئېزىز ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-18 19:20:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-21 11:44:30 ئابدۇللا
تارىم ئوغلى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ