يامغۇر
نەسىر
رەيھانگۈل ئېزىز ئىزچىل
ئادەمنىڭ كەيپىياتىدەك بىردەم تۇتۇلۇپ ، بىردەم ئېچىلىپ ، ھەپتىدە بىر قانچە كۈن چاڭ - تۇزان بولىدىغان ئاپىرىل كۈنلىرىدىكى ھاۋا كىشىنى يا ئىسسىغىلى قويماي يا توڭلىغىلى قويماي ، ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق تۇراقسىزلىقى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىپ داۋاملاشماقتا ئىدى .
گۈل - گىياھ ، دەل - دەرەخلەرنىڭ يېڭىدىن چىقارغان يۇپۇرماقلىرى ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ يۇمىران بارماقلىرىدەك شۇ قەدەر يۇمىران ۋە يېڭى بۇلۇپ ، باھار پەسلىگە ئۆزگىچە ھۆسىن قوشاتتى .
بارلىق مەھەلىلەر ئۆزى ئۆستۈرگەن بالىلارغا نىسپەتەن ئاجايىپ چىرايلىق ۋە ئىللىق بولغانغا ئوخشاش ، مىنىڭ مەھەللەممۇ ھازىرغىچە مەن ئۈچۈن ئىنتايىن گۈزەل ئىدى . بۇلۇپمۇ مەھەللىمىزدىكى سۆگەتزارلىقنىڭ يۇپۇرماقلىرى مەھەللىگە يېشىللىق ئاتا قىلىپ ، كىشىنى ئۆزىگە ئاجايىپ جەلىپ قىلاتتى .
بىر قۇشقاچ ھەر كۈندىكىگە ئوخشاشلا سۈبھىدىكى جىمجىتىلىققا ئەركىلەپ ، زۇق - شوخ بىلەن توختىماي سايراپ ، مىنى تىزىراق ئورنۇڭدىن تۇر ، سەھەر بىلەن سالاملاشقىن دەپ ۋىچىرلايتتى .
بۈگۈنمۇ يەنە شەپەق نۇرىنىڭ ئاستىدىكى بۇ سۆگەتزارلىقىنڭ ئۇدۇلىدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ ، بۇنداق چاڭ - تۇزانلىق ھاۋادا بىر قېتىم يامغۇر ياغقان بولسا ياخشى بولاتتى دەپ ئويلۇدۇم .
تۈن بۈگۈنگە نىسپەتەن قەدىمىيلىككە ئايلانغان گۇگۇمنى ئۇزۇتۇپ قۇيۇپ ، قاراڭغۇلۇقنىڭ بىر قىسىمنى ئىچىگە سولىۋېلىپ ، ئەزەلدىن ئۆلۈپ باقمىغان ، بىرىدە باي - باياشات ، بىرىدە ئاچ قورساق ، بىرىدە تاقىر ، بىرىدە باغۇ - بوستان ، بىرىدە تىپتىنىچ بىرىدە جېدەل - ماجىرا ، بىرىدە كۈندۈز بىرىدە كېچە بولىدىغان ، ئەرلىك بىلەن ئاياللىقىنىڭ خارەكتىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن ، قەيسىرانە يەرشارى ئايالنىڭ بۆشۈكىدىكى بارچە جاننى ئويقۇغا غەرىق قىلىپ ، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسىنى ھەر كۈندىكىدەك ئادا قىلىۋاتاتتى .
بۇلۇت ۋە يۇلتۇزلارنى ، چاڭ - تۇمانلارنى ئۆيلىرىگە ئۇزۇتۇپ قۇيۇپ ، ئارام ئېلىۋاتقان سۈپسۈزۈك ساما بېقىنىدىكى نۇرلۇق ئاينىڭ چۈمپەردىسىنى ئېلىۋېتىپ ، ئالقىنىدىن ئورۇن بەرگەن ئىدى .
چېھرىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان ئايالنىڭ يۇپيۇمىلاق يۈزىدەك نۇرلۇق تولۇنئاي سۆگەتزارلىقنىڭ ئۈستىدە ، گويا ماڭا قاراۋاتقاندەك دەرىزەمدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى .
مەن تۈندىكى بۇ گۈزەل مەنزىرە بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ ، ئۇخلىغان بىلەن ئۇخلىمىغاننىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ، گاھ ئۈلۈككە گاھ تىرىككە ئوخشاش ئۇيقۇنىڭ شەربەتكە تولغان ئىستاكانىغا چىلىشىپ ، چۈش كېمەمگە چىقىپ ئارزۇلىرىمنى قوغلۇشۇپ ، رىئاللىق بىلەن فانتازىيە ئارلىشىپ كەتكەن ، ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان بىر مەنزىلگە مېڭىشقا تەييارلىنىۋاتقىنىمدا ، يۇپۇرماقلار شىرىق - شىرىق قىلىپ ماڭا كۆزۈڭنى ئاچ دىدى .
كەينىدىنلا ناھايتى بوش ئاۋازدا ئۈزۈلدۈرمەي چېلىنغان چاۋاك ساداسىغا ئوخشايدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى .
ئورنۇمدىن تۇرۇپ دەرىزە سىرتىدىكى دەرەخزارلىققا قارىسام ، يامغۇر توختىماستىن مەن كەلدىم دەپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىۋېتىپتۇ .
تاڭ سۈزۈلگىچە ياغقان يامغۇر سۆگەت يۇپۇرماقلىرىنى يۇيۇندۇرۇپ ، ياپيېشىللىقنى ئاتا قىلىپ ، بۈيۈك تەبىئەتنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكىنى كىشىلەرگە نامايەن قىلىپ ، ھەر قەلىپ ئىگىلىرىگە ھاياتىنىڭ ئۇنتۇلماس دەقىقىلىرىنى ئەسلەتكۈزۈپ ، ھاياجانغا چۆمدۈرمەكتە ئىدى .
سەھەردە يۇپۇرماقلاردىن چوكىلداپ چۈشىۋاتقان يامغۇر سۈيى خۇددى ئۈنسىز بىرىنىڭ غېرىبانە كۆز يېشىدەك غەمكىنلىكنى ئەسلىتەتتى .
كىشىلەر ھەمىشە يامغۇرنى كۆز يېشىغا ئوخشۇتۇشۇپ ، بۈگۈنىدىن تولىمۇ يىراق بولغان خىلۋەت بىر جايغا كۆمۈپ قويغان ھاياتىنىڭ ئۇنتۇلماس دەقىقىلىرىدىكى يۈرەك سۆزىنى خىيالى بىلەن ئوچۇملاپ ئېلىپ ، مۇھەببەتنىڭ كۈچلۈك ھىدى كىلىپ تۇردىغان ھەرخىل لىرىكىلىق ئەسەرلەرنىڭ ئارىسىغا تىزىپ ، كۆڭلىدىكى ئادىمىگە ھەرخىل كۆرۈنمەس يوللار ئارقىلىق ئەۋەتىكەندىن كىيىنلا كۆڭۈللىرى ئارام تاپىدۇ .
كۈن چىققاندا بولسا ئۆزلىرى تەقلىد قىلىۋالغان ياخشى كەيىپىيات ئىچىدە ، قەلبىگە قارمۇ - قارشى ھالدا ، يىغلامسىرىغانغا ئوخشاپ كېتىدىغان كۈلۈمسىرەش ئىچىدە ، ھىچقانداق غەم - ئەندىشىسى يوقتەك ياشىيالايدۇ .
شۇنىڭغا قارىغاندا يامغۇر كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقىي كۆز يېشىنى چىقىرۋېلىشى ئۈچۈن ياخشى بىر پەيىت بولسا كېرەك .
| 130 قېتىم كۆرۈلدى | رەيھانگۈل ئېزىز ئىزچىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-11 22:30:17 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|