شۈكۈر بۈگۈن يارىمنى كۆردۈم
ئەكبەر ئىدرېس( ئەرچىن)
شۈكۈر بۈگۈن يارىم يىنىمدا ،
دىلدىن سۆيگەن جانىم يىنىمدا .
شەرەپ نومۇس ئارىم يىنىمدا ،
شۈكۈر بۈگۈن يارىمنى كۆردۈم .
يارىم ياندا بۇ دىلىم خۇشال ،
ئۇ مەجنۇنتال مەن گويا شامال ،
ئۇ بولسىلا بولماسمەن قاقشال ،
شۈكۈر بۈگۈن يارىمنى كۆردۈم .
لەۋلىرى قەشقەر ئانارنىڭ ئۆزى ،
جانغا مەستخۇش بۇلاق قوي كۆزى .
بال ھەسەلدۇر قىلغان ھەر سۆزى ،
شۈكۈر بۈگۈن يارىمنى كۆردۈم .
تاڭ سەھەردە ئەسسالام دىدى ،
تەشۋىشلىنىپ مەندىن غەم يىدى ،
ئۇ ئاشۇنداق ۋاپادار ئىدى ،
شۈكۈر بۈگۈن يارىمنى كۆردۈم .
يانلىرىمدا پەرۋانە بولغان ،
كۆز يىشمغا ۋەيرانە بولغان ،
بەختىم ئۈچۈن سەرسانە بولغان ،
شۈكۈر بۈگۈن يارىمنى كۆردۈم .
يارىم بولسۇن مەڭگۈ تىنچ ئامان ،
رەڭگىروھى بولمىسۇن سامان ،
بار قەلبىمدە شۇ يارىم ھامان ،
شۈكۈر بۈگۈن يارىمنى كۆردۈم …
2017.يىلى 26.مارت كۈيتۈن
| 23 قېتىم كۆرۈلدى | arqen | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-26 21:39:51 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|