ۋىسالسىز سۆيگۈ
زۆھرە
خىيالىمدا سۆيگۈ ساھىلى،
يۈرمەكتىمەن ۋەسلىڭنى ئىزلەپ.
ئۇچراتمىدىم تا ھازىرغىچە،
قالدىم يەنە ئۆزۈمنى بەزلەپ.
سېنى باردەك ساھىل ئۈستىدە ،
كۆرسىتىدۇ مەككار ئىزىتقۇ .
قىيا بېقىپ چاقىرسام سېنى ،
غايىپ بولدۇڭ،كەلگىنىڭ يوققۇ .
ياشقا تولدى ئازغۇن كۆزلىرىم ،
ئاتەش قەلبىم قاتتى مۇز كەبى .
قالدىم يەنە لېۋىمنى چىشلەپ ،
ئاشىق كۆڭلۈم قالدى شۇ پېتى .
| 37 قېتىم كۆرۈلدى | زۆھرە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-23 0:28:30 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|