مۇزلىغان يۈرەك (نەسىر) - گۈلجامال يولۋاس

 مۇزلىغان  يۈرەك
 (گۈلجامال يولۋاس)

سەن ئۈچۈن سوقىدۇ يۈرىكىم ھامان،
دىگەن ۋەدىلەر نەلەردە قالدى.
ھاياتلىق تۈۋرىكىم قىلغان ئادىمىم ،
نازۇك شۇ گۈلۈمنى چەيلىدى يۇلدى.

ئىشەنچىم زور ئىدى تۇرمۇش يولىدا،
قايتىدىن ئويغانغان ئۆتمۈشتىن شۇ دەم،
ۋاپالىق ھەمراغا ئىرشىپ شاتلىنىپ،
شادلىقىم پەلەككە يەتكەندى شۇ دەم.

جانىم دەپ قەدىرلەپ سۆيگەن ئادىمىم،
يۈرەككە توساتتن سالغاندا تەستەك،
مۇزلىدى قايتىدىن يۈرىكىم يەنە،
ئايلاندىم قايتىدىن بولدۇم بىر مەستەك.


ئادەم ھاياتلىق يولىنى تاماملاپ بولغۇچە بەزىدە ئادەم يۈرىكى ئاللىقاچان مۇزلاپ بولىدىكەن،نىمىشقا دەمسىز ؟سىزگە جاۋابىم شۇ زىيادە ئىشىنىش بەزىدە  مۇۋاپىقىيەتتىن دىرەك بەرسە ،يەنە  بەزەن چاغلاردا ئادەمنى ئورنىدىن تۇرالمىغۇسىز ئازاپقا مۇپتىلا   قىلىدىكەن،سىنىلىشنى  خالىمايمەن بولدى يىتەر،
ئاھ،ھايات نىمىشقا ماڭا  چاقچاق قىلىسەن،؟نىمىشقا مىنى قايتا قايتا رەت سىنايسەن؟ نىمىشقا مەندەك  بىر  ئاقكۆڭۈل كىشىلەر دائىملا جەمىئىيەتتىكى  ئاشۇ   بىر  قىسىم "تىلى ھەسەل،دىلى زەھەر"نامەرت كىشىلەرگە   قەدەمدە   بىر  ئۇچراپ   تۇردىغاندۇ ؟ئەجىبا   بۇ   تۇرمۇشنىڭ  بىزگە بەرگەن سىناقلىرمىدۇ؟ھىچ   بىلەلمەي  قالدىم ،گۇناھىم نىمە ؟بىرسگە  ئىشىنىش  گۇناھمۇ؟ئاھ،بولدىلا چارچىدىم،كۆپ  ھاردىم،سىناقلارغا   بەرداشلىق بىرەلىگۈدەك   ئىرادە  مەندە   قالمىدى،ئەمدى   سىنىما بەكلا ھاردىم،ۋاپانى   مەمدىن   ئەمدى  كۈتمە دىمەك   يۈرىكىم   مۇزغا   ئايلاندى.
ئىشەنچ    يوقالدى  سۆيگە   يولىدا  غازاڭ بولغۇم    يوق   ئىدى   ،بىراق   ئىش    ئۈمىد قىلغاندەك  بولماي   قالدى،
دىمەك،


نازۇك يۈرەك  مۇزلىدى قاتتى،
ئىشەنگەن كىشىلەر يوقالدى كەتتى،
ئىرىمەس ئەبەتكە ئەمدى مەڭگۈگە،
ساختىكەن سۆيۈشۈڭ ماڭا يەتتى.

2017.4.3
قەشقەر





208 قېتىم كۆرۈلدى guljamal198 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-3 21:28:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ