بايرىمىڭغا مۇبارەك ئانا (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

  بايرىمىڭغا مۇبارەك ئانا
مەمەتجان سەمەت


كەپتۇ بۈگۈن بايرىمىڭ ئانا،
قانچە قىلسام ئاز كىلەر ساڭا.
تەبرىكلەيمەن چىن يۈرەكىمدىن،
بايرىمىڭغا مۇبارەك ئانا.

ئۈزلمىسۇن كۈلكە شاتلىقىڭ،
جىلۋە قىلسۇن گۈلدەڭ ياشلىقىڭ.
بولۇپ تۇرسۇن كۈندە بايرىمىڭ،
بايرىمىڭغا مۇبارەك ئانا.

خاتا قىلسام بىر ئىش تۈزەتكەن،
خاپا بولۇپ رەنجىپ يۈرمىگەن.
مېنى گۈلدەك بېقىپ ئۆستۈرگەن
بايرىمىڭغا مۇبارەك ئانا.

كۆز ئالدىمدا تۇرغىن ئامانەت،
خۇشال ياشاپ ئۆتكىن تا ئەبەت.
مەڭگۈ تىنىڭ بولسۇن سالامەت،
بايرىمىڭغا مۇبارەك ئانا.

ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : چ چ 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
جاپاكەش ئانىلارنىڭ ئاياللار بايرىمنى تەبرىكلەيمەن
     





450 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-7 17:21:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ