ئاتا
ئەسقەر قۇربان
ئاق سانجىدى قارا چاچلارغا ،
ياش قىرىقتىن ئاشماي تۇرۇپلا.
تەقدىر ماڭا قىلدىغۇ چاخچاق،
سوغۇق كۆزدە كۈلۈپ قويۇپلا.
ياش قىرىقتىن ئاشماي تۇرۇپلا،
ئايرىلدىم مەن يۆلەنچۈكۈمدىن.
ئاچىچىق ئەلەم ئۆرتىدى دىلنى،
ھەسرەت پىغان ئۆرلەپ ئىچىمدىن .
ئايرىلدىم مەن يۆلەنچۈكىمدىن،
ئوڭ قاناتىم قايرىلدى شۇدەم،
قارا بۇلۇت باستى دىلىمنى ،
كۈلەي دەپ مەن ھىچ كۈلەلمەيمەن.
ئوڭ قاناتىم قايرىلدى شۇدەم،
ئۇچالمايمەن ئەمدى يىراققا .
قوينىڭ شۇنداق كەڭ ئىكەن دۇنيا.
مانا ئەمدى تار بولدى ماڭا....
كۈندىلىك خاتىرىمدىن ئېلىندى.
جېجياڭ_ خوجو
2016.4.6
| 336 قېتىم كۆرۈلدى | ikbal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-4-7 6:29:27 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|