ئوقۇلۇش
ئابدۇراھمان ئابدۇللا
ئوقۇيمەن چۆچۈمەل قىلىقلىرىڭنى،
ئۆمچەيگەن بەتلەرنىڭ لېۋىگە قونۇپ.
يۇتۇملاپ ئىچىمەن سېغىنىشلارنى،
باغرىمدەك پۇچۇق قەدەھكە قۇيۇپ.
چاچلىرىم يولۇڭغا تۆكۈلەر تال-تال،
قار كەبى ئاقىرىپ سۆيۈلمەك ئۈچۈن.
تېتىدىم ھاياتنىڭ قىرتاقلىقىنى،
شېئىر بوپ مەن ساڭا ئوقۇلماق ئۈچۈن.
كۆكسۈڭگە ئۇرۇلۇپ چېقىلسام چۇل-چۇل،
چەكسىزلىك چاقنايدۇ قۇياش بەرگىدەك.
ئاسمىنىم لىق تولغان پەقەت سەن بىلەن،
ئورۇن يوق ئۆزگىگە باشنى تىققۇدەك.
| 154 قېتىم كۆرۈلدى | xahturk | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-25 21:17:10 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|