يازغىنىم قەلبىمدىن تۈكۈلگەن شېئىر

‏‏‏‏يازغىنىم قەلبىمدىن تۈكۈلگەن شېئىر

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

‏مۇھاببەت بىر پىچاق سانجىلدى ئاخىر،

 ‏يۈرەكنى پارچىلاپ ئۆتتى بىر غەزەپ.

 ‏تۇرۇپ مەن بەخىتسىز نىكاھ تەختىدە،

‏كەپتىمەن ئازابنى رەڭگا-رەڭ بىزەپ.

 

‏ يازغىنىم قەلبىمدىن تۈكۈلگەن شېئىر،

 سىزىمەن دەز كەتكەن يۈرەك قەغەزگە.

«‏بەخت»دەپ قۇرۇلغان نىكاھ قەسىرىم،

 ‏ئوخشىدى ئۇ ئاخىر تۇزىغان گۈلگە.

 

‏ ‏ھاياتتا سۆيگۈدە ئاداشقىنىم راست،

‏ياشايمەن مەن ۋىسال مەھرۇملىقىدا.

‏ۋاقىتسىز قۇرۇلغان نىكاھ قەسىرىم،

 ‏بۇزۇلغاچ تاشلاندى ئازاب تېغىغا.

 

‏ ‏سىرىم ئېيتاي ئۆزگىلەرگە بىلدۈرمە،

 ‏بەختىڭ شۇ،بولسا گەر نىكاھىڭ پارلاق.

 ‏ئېچىلمىسا ئەگەر بەخت ئىشىكىڭ،

 ‏ئۇ خۇددى يۈرەككە قادالغان پىچاق.

 

‏ ‏2015-يىل باي





185 قېتىم كۆرۈلدى باھارگۈل ئىبرايىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-3 0:12:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-4 15:54:13 qinakida
yahxi qikipt,mubarak bolsun…
2015-8-3 12:31:10 بابى
ياخشى يېزىپسىز، بەختلىكبەختلىك بولۇڭ
2015-8-3 0:30:23 ئ‍اق ئ‍ەتىرگۈل
ياخشى يىزىپسىز،بەخىتلىك بۇلۇڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ