نىمە دەي
ئابلىمىتجان ۋاھاپ (تەنھا تۇرنا )
يالغان كۈلگەن ھەسەتخورغا نىمەدەي،
شىرىن سۆزلۈك غەيۋەتخورغا نىمەدەي .
بىر مىنۇتتا نەچچە ياڭزا رول ئالغان ،
رەزىل تۈلكە ئاكتىيورغا نىمە دەي.
يالغاننى سۆزلەپ ھەق دەيدۇ قورۇقماي،
تۆھمەت قىلىپ ھەق بىر دەيدۇ قورقماي.
قەسنى قىلىپ تەقدىر دەيدۇ قوروقماي ،
ئۆرەك قازغان ساختا يولغا نىمە دەي .
گەپلەر توشۇپ بۇزۇپ يۈرەر ئارنى ،
گەپلەر ياساپ ئاق قىلدۇ قارنى.
ھوقۇقدارغا زولاپ بېرەر پارنى ،
قورسىقى يوغان پارىخۇرغا نىمە دەي.
ياخشى ئشلار راۋاج تاپماس شۇم بىلەن ،
ياخشىلارغا كۆزتىكىدۇ غۇم بىلەن.
پۇرسەت تاپسا كۆزگە ئۇرار قۇم بىلەن ،
دىلى قاراشۇم نىيەت گۆرىخورغا نىمەدەي.
دەسسەپ يۈرەر ئاجىزلارنىڭ بېشىغا ،
يۈگۈرەر دائىم باشلىقلارنىڭ قىشغا .
ئويلماستىن چاڭ سالىدۇ بىچارىنىڭ ئشىغا
يەپ تويمىغان ھارامخورغا نىمە دەي .
قىزىدەك قىزغا ئېتىپ يۈرەر قىشنى ،
قاراپ كېتەر يەپ كەتكىدەك گۆشنى .
ھومايدىما ئالار بىركۈن ئۆچنى ،
مەينەت قاشاڭ زىنا خورغا نىمە دەي.
ئادەم بولساڭ بۇنداقلارنى دوس دىمە،
ئازاپ سالسا زەربە بەرگىن پوش دىمە.
كېتىپ قالسا ئارقىسىدىن خوش دىمە ،
مەن تەنھا مەن بالاخورغا نىمە دەي.
| 206 قېتىم كۆرۈلدى | tanhaturna | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-5 14:41:11 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|