قەشقەر كۈيى

قەشقەر كۈيى

 

 باھارگۈل ئىبراھىم

 

ئەمەستۇر بۇ مېنىڭ چۈش ۋە خىيالىم،

 زىمىندا نۇر چېچىپ تۇرار بىر قەمەر.

ئۇنىڭ ھەر دىۋارى رەستىللىگە،

 زاماننىڭ نۇرلىرى سىڭگەن شۇ قەدەر.

 

 بىر ھېكمەت سۆزلەيدۇ ھىيتكا مۇنارى،

يۇلتۇزلار ئاقىدۇ ھەر بىر كوچىدا.

يۇرەككە تارايدۇ ئىللىق بىر مېھىر،

(ۋىسالنىڭ بىر قولى بەخت بوينىدا.)

 

ئەزىزان ئاتالغان قەدىمدىن بېرى،

 بۇ يەردە بار يۈسۈپ،مەھمۇد كاشغارى.

 ئەجداتلار ئىزلىرى سىڭگەن دىيار بۇ،

 قۇت ئېتىپ مەڭگۈلۈك بەخت دىلبىرى.





203 قېتىم كۆرۈلدى باھارگۈل ئىبرايىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-2 18:04:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-7 9:57:43 nurmamat
yah xiqikip tu yan mu tir xig
2015-8-3 17:50:58 yamghuri
bak payzi yezip siz. terixig
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ