چارچىدىڭ ئاپا

چارچىدىڭ ئاپا

 

 ئۈچ بالام دەپ ياشلىقىڭ كەتتى،

 ھاياتىڭىدا باھارىڭىمۇ ھەم.

لىكىن سەندە قىلچە ۋايساش يوق،

بىز ئۈچۈنلا قىلىپ كەلدىڭ غەم.

 

 قۇندوز چاچقا سانجىلغان ئاق چاچ،

 ئاچ يىللارغا تىگىشلگەن يەم.

سەن تۆككەن شۇ ھالال پاك تەردىن،

 ئالدۇق بىلىم،سۇندۇرۇلماس پەم.

 

مىھىېر بىرىپ چارچىدىڭ ئاپا،

ئەمدى ئالغىن سەنمۇ بىردەم دەم.

گەرچە سەندەك قىلالىمساممۇ،

ئەتكىنىمدىن ئالغىن ھوزۇر تەم.

 

خاتالىقىلار ئۆتكۈزدۈم تالاي،

بالا ئىكەنمەن،مەندە ئەقىل كەم.

 ئارزۇيۇم شۇ سالامەت تۇرغىن،

 پاك سۆيگۈمنى ئەمدى مەن بەرسەم.

 

 گۈلزىرە ئازات





211 قېتىم كۆرۈلدى gulziii ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-6 21:42:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ