جانىمغا سۆز - خېلىل جىبران

جانىم چۈشەن

 

 خېلىل جىبران

 

ياپراقلىرى تۆكۈلگەن دەرەخ،

 ھامان كۆكلەر چىقرار يوپۇرماق.

 دەرەخلەردىن تۆكۈلسە ياپراق،

 خازان بولار بولماس يۇپۇرماق.

 

 مىۋىسى يوق قارىغايلاردىن ،

ئاغرىنمايدۇ ھىچكىم ئەسلا.

 ئېچىلمىسا شاپتۇل چىچىكى،

  قارىمايدۇ ھىچكىم ئەسلا.

 

 ئۇچقىنىدا مامكاپلار ئېگىز ،

زوقى بىلەن قارار ئەتىرگۈل.

 ماكانى يوق شۇ مامكاپلاردىن،

 بەخىتلىكقۇ ئەسلى ئەتىرگۈل.

 

 شارقىرىسا يامغۇر كىچىدە،

 يۇمۇلارمۇ جاناننىڭ كۆزى.

 ئاي يورىقى چۈشسە مەڭزىگە،

 ئۇ گوياكى چولپاننىڭ ئۆزى.

 

 ئوغۇرلىقچە كىرسەم چۈشىگە،

 جانىم مىنى سىزىپ قالارمۇ.

 چۈشلىرىدە باشلىسام چۆلگە ،

كۈلۈپ تۇرۇپ جانىم ماڭارمۇ .





88 قېتىم كۆرۈلدى helil1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-4 14:59:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ