دوستۇمغا
ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
شەيتان كۆڭۈل سالسا ۋەسۋەسە،
ئازما دوستۇم ھىلگەر تۈلكىگە.
قارا سۈركەپ ھامان بىر كۈنى،
ئەل ئالدىدا قۇيار كۈلكىگە .
ۋىجدان بىلەن مەردانە ياشا ،
كۆز تاشلىما خەخنىڭ رىسقىغا.
قانائەتنى يار قىلىپ ھەرچاغ ،
شۈكۈر دېگىن ياندا بارىغا .
ئۇنتۇپ قالما تۆت كۈنلۈك جاھان،
كارى چاغلىق قەسىر-ساراينىڭ .
ياتار جايى تۇپراق ئاستىدا ،
مەيلى گاداي ياكى سۇلتاننىڭ.
قۇش پىيىدەك قەدىرسىز يۈرۈپ،
خازان قىلما ئالتۇن ئۆمۈرنى .
بۇلۇپ قالما ۋەتەنسىز بۇلبۇل،
ئويلا ھەرچاغ ئەلنىڭ غېمىنى .
2016-يىل 11-ئاۋغۇسىت (مارالبېشى)
372 قېتىم كۆرۈلدى | ئوتقاش | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-8-11 14:19:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-8-12 0:09:00 | takdir |
intayn yahxi yizlptu |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|