دەرىتلىرىم پىنھان
مۇستافا
ئويناپ غەمسىز يۈرگەنتىم بۇرۇن،
گۇياكى كەپسىز كىچىك بالىدەك .
دەرتلەر كىلىپ مۆرىمەس بولدۇم،
جۇۋازغا قاتقان بۇقا كالىدەك.
يەر شارىنى ئاپئاق قار باستى ،
ئەمما مىنىڭ بەختىمنى قارا.
يىپى ئۈزۈلگەن ئۈنچە مارجاندەك،
ئەگەشمەكتە يۈركىمگە يارا.
ئىزلىمدىم سۈيۈملۈك ئانامنى،
ئۆتتى كۈنلەر ئەنسىزلىك ئىچىدە.
ئېيتالماستىن يۈرەك يارامنى،
دەرىتكە چۆكتۈم جىمجىت كىچىدە .
قېچىپ يۈردۈم زىنا ھارامدىن،
كۆرسەتمىدىم ئەسلا قارامدىن.
ھال سوراشقا ھېچ ئىنسان يوقتۇر،
رەنجىسە ئۇ كۈڭۈل سايەمدىن.
ئىستەكلىرىم سۆزلەنسە تىلدا ،
ئارمانلىرىم قېپقالار دىلدا .
ئېچىپ سۆزلەش شۇنچە قىيىندۇر،
بار يوق ئىشنىڭ ھەممىنى دىلدا.
| 101 قېتىم كۆرۈلدى | sayfurahman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-24 14:52:15 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|