مۇئەللىم (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

مۇئەللىم
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

قەدەم باسسا مەكتەپكە،كۈلۈپ كىتەر توختىماي،
مۇنبەرلەردە بۇلبۇلدەك،سايرايدىغۇ گولدىماي،
ئەدەپ ئەخلاق بابىدىن،سۆز باشلايدۇ زورلىماي،
پەزىلەتتە يېتىشكەن،بەك سەۋرچان مۇئەللىم.

ئالسا قەلەم قولىغا،ھارماي يازار جىجىماي،
چىن دىلدىن سۆيۈنۈپ،مېھىر بىرەر ئالدىماي،
ئۇچۇپ كىرىپ دىلىغا،كۈنلەر ھەرگىز سانىماي،
ئۆرلە مەڭگۈ تىرىشقىن،ئەي ۋاپادار مۇئەللىم.

چىقىپ سەھنە مۇنبەرگە،پىلەك ياقتى زوقلۇنۇپ،
بالىلارنىڭ ئىشقىدا،ئوتتەك يېنىپ مۇڭلۇنۇپ،
سايرىتىشقا ئەۋلادنى،بەل باغلىغان روھلۇنۇپ،
ئەۋلادلارنىڭ غېمىدە،ئوزۇق چاچتى مۇئەللىم.

بالىلارنى پەرۋىشلەپ،مېھر بەردىڭ ئېرىنمەي،
ھارماي تالماي ئىزدىنىپ،قۇچاق ئاچتىڭ تېرىكمەي،
يىتەكلىدىڭ ئۇلارنى،چارچىماستىن زىرىكمەي،
بالىلار دەپ مەڭگۈگە،ئوتنى ياقتىڭ مۇئەللىم.

تەرەقىيات رولچىسى،بەك تىرىشچان باغۋەنلەر،
مەرىپەتتىن  سۆز ئاچار،مېھرى ئىسسىق ئادەملەر،
كۆزلەپ بەختى-سائادەت،ئويلەپ ئارزۇ-ئارمانلار،
مەڭگۈ پارلاپ چاقنىغىن،روھى تېتىك مۇئەللىم.
     





54 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-11 9:52:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ