ئ‍ېلىپ كەت

ئ‍ېلىپ كەت

 

 ئ‍اپتۇرى: ئابدۇرسۇل ئ‍ەزىز

 

 دەرتلىرىمنى كەلگىن ئ‍ېلىپ كەت،

 سەنسىز كۈنگە شاتلىق بېرىپ كەت.

 مىسكىن يۈرەك يېغلاپ قالمىسۇن،

 غەملىرىمنى يىراق ئ‍ېلىپ كەت.

 

 بۇ ھالىمنى بىر رەت كۈرۈپ كەت،

 پەس كويلارغا مىنى سېلىپ كەت.

 يېتىرقاشتا ئ‍ۆتمىسۇن كۆڭلۈم،

 ماڭا ئ‍ۈمۈت يەنە بېرىپ كەت.

 

 چۈشلىرىمگە كۈندە كىرىپ كەت،

 ئ‍ۆمۈرلۈككە ۋەدە بېرىپ كەت.

 ئ‍وتقا تاشلاپ كۆيگەن يۈرەكنى،

 مۇزغا تېڭىپ سوۋۇندۇرۇپ كەت.

 

 ئ‍ىزلىرىڭنى مەڭگۈ كۈمۈپ كەت،

 ئ‍ەسلىمەمدىن تىنىچ چىقىپ كەت.

 خارلىمىغىن پاك سۆيگۈمنى سەن،

سۆيەلمىسەڭ مەندىن نېرى كەت.





149 قېتىم كۆرۈلدى RuSuL ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-5 21:08:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ