ياشايمەن
ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
قالساممۇ گەر ھىجران داغدا ،
ئازابلارنى يېڭىپ ياشايمەن.
توسسىمۇ يولۇمنى دۈشمەنلەر،
بويسۇنمايمەن مەغرۇر ياشايمەن.
ھايات يولى ئەگرى بولسىمۇ،
ئۇنىڭدا يىقىلماي ياشايمەن.
ئازاب خەنجىرى ئۇرۇلسىمۇ،
يېشىمنى كۆرسەتمەي ياشايمەن.
كۆزۈمدە ياش لىغىلدىسىمۇ ،
مەن يەنىلا كۈلۈپ ياشايمەن.
يۈرەك زەرداب قانغا تولسىمۇ،
بىلىندۈرمەي شىردەك ياشايمەن.
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى.15292532364
2016-يىلى 11-دېكابىر
      
| 44 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-11 21:27:11 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |