شۇنچىلىك
ئابدۇراخمان تۇرامەت
ئاينىڭ ئۆزى بولسىمۇ يۈزۈڭ ،
يۈلتۇز كەبى يانسىمۇ كۆزۈڭ .
شىكەردىن شىرىن سۆزۈڭ ،
كۆردۈم سىنى سەن شۇنچىلىك .
يۈرۈپتىمەن ساڭا ئالدىنىپ ،
يىقىن دوسلاردىن تىنىپ .
ئەمدى سەن سۆزدىن يىنىپ ،
كۆردىم سىنى سەن شۇنچىلىك .
ئىشەنگەنتىم ساڭا جىنىم ،
ھايات يۈرگەچ جان تىنىم .
گەر كەتسىمۇ غۇرۇر قىنىم ،
كۆردىم سىنى سەن شۇنچىلىك .
ئۆزۈمنى تاشلاپ سىنى ئويلاپ ،
سىنڭلا خۇشاللىقىڭنى ئىزلەپ .
چىدا دەپ يەنە ئۆزۈمنى بەزلەپ ،
كۆردۈم سىنى سەن شۇنچىلىك .
يوقمۇ سىنىڭ ماڭا يۈرەك سۆزۈڭ ،
شۇمۇ مىنىڭ تەقدىر ئۆتمۈشۈم .
باشقنى دەپ مىنى كۆرمىدىڭ ،
كۆردۈم سىنى سەن شۇنچىلىك.
| 104 قېتىم كۆرۈلدى | ABDURAHMAN | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-23 5:39:40 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|