راست بايان - ئ‍ېزىز تۇرسۇن خەنجەرى
راست بايان 

ئ‍ېزىز تۇرسۇن خەنجەرى 

مەن شۇيەردە ئ‍ىدىم ،
شۇ يول بۇيىدا،
ئ‍ۆتكەن-كەچكەنلەر ئ‍انچە-مۇنچە قاراپ قۇياتتى،
مەندىن ئ‍ەگىپ ئ‍ۈتۈپ كىتەتتى،
بىر ئ‍ۇماق بالا كىلىپ ئ‍ېغىزىمغا كەمپۈتنى تىقىۋىتىپ كىتىپ قالدى، 
ئ‍اچچىغى كىپ قالغان بىرى مىنى بىرنەچچىنى تىپىۋەتتى،
بىرچىرايلىق قىز قۇلىدىكى بىردەستە گۈلنى يىراقتىن ماڭا ئ‍اتتى،
بىر ئ‍ىت كىلىپ پۇتىنى ماڭا تىرەپ تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلدى، ،،
ماڭا ھىچكىمنىڭ ئ‍ىچى ئ‍اغرىمايتى، 
ھىچكىممۇ مىنى سۈيۈپ قويمايتى، 
سۈيۈشنىمۇ خىيال قىلمايتى، 
مەن شۇ تۇرغان جايىمدا خېلى ئ‍ۇزاق تۇردۇم، 
قىشتا قار 
يازدا يامغۇر 
بوراندا چىققان چاڭ تۇزاڭ قۇنۇپ ماڭا ھەمرادۇر، 
مەن بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يوق، 
مىنىڭمۇ ھىچكىم بىلەن كارىم يوق، 
تۇرۇپ كەتتىم، 
بەكمۇ ئ‍ۇزاق تۇرۇپ كەتتىم، 
مەندىن قاچقىنى ھەق، 
جىم تۇرىۋىرىپ پۇراپ كەتتىم، ،،
ئ‍اخىرى بىركۈن مىدىرىدىم
بىرسى دىگەچكە مىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ 
-ماۋۇ ئ‍ەخلەت ساندۇقىنى يۆتكىۋىتىڭلار........ 
....................
2016-يىل 30-ئ‍اۋغۇست





190 قېتىم كۆرۈلدى margimux ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-31 0:08:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ