يامان قلدىڭ
ئەلىجان ۋاھاپ (ئىلىكىتاب )
ئاشنى ناننى تاشلاپ تۆكۈپ يامان قىلدىڭ،
دېھقان ئەجرى قان تەرىنى خازان قىلدىڭ،
ئاش ھاياتنىڭ يىلتىزى دەپ ھەق ئېيتىلغا ن،
بۇ يىلتىزىنى تاراج بىرلە تاران قىلدىڭ.
توقلۇق بىلەن شوخلۇق قىلما ئاياشنى.
ئاتاڭ بوۋاڭ كۆپ چۆلىگەن يوغان داشنى،
ئايلاندۇرغان يېقىندا تېخى يارغۇنچاق تاشنى.
ئاش ناننى تاشلاپ تۆكۈپ يامان قىلدىڭ.
ئاچ يالىڭاچلار بۇ دۇنيادا يوقمۇ زادى،
يەتمىدىمۇ قۇلاقلارغا نالە پەريادى.
تەپەككۇر قىل كىم سەن ئۆزۈڭ كىم ئەۋلادى،
ئاش ناننى تاشلاپ تۆكۈپ يامان قىلدىڭ.
ئىسراپخورلۇق يامان دېدى دانالارمۇ،
ئاچ يالىڭاچ يۈرەلمەيدۇ رەنالارمۇ،
بىزگە تەسىر قىلمىدى شۇ مەنالارمۇ،
ئاشنى ناننى تاشلاپ تۆكۈپ يامان قىلدىڭ،
ئاشۇرۇشقا تاشلاشقا «قورساق تويدى»بانايىمىز،
تولۇق يېسەك ياراتمايدۇ يېنىمىزدىكى ھەمراھىمىز،
شۇ ئىسراپقائېچىلىپ تۇرابىزلەر ئامراق ھەميانىمىز ،
ئاشنى ناننى ئىسراپ قىلىپ يامان قىلدىڭ.
150 قېتىم كۆرۈلدى | otlurung | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-23 19:53:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|