كىتاب كەبى ئاۋازسىز بولدۇم
يۈسۈپجان سايرامى ( زىنھار )
تەپەككۇر قىل ھەر چاغ پىنھان ،
كىتىدۇ جىمجىت بىر يۇلتۇز ناگان .
خۇش بولۇپ كەتمە ئامەتلىرڭدىن ،
يېرلىپ تۈگەيدۇ جانۇ ھەم جاھان.
دىلىڭنى يىغ ، تىلىڭنى تىزگىنلە ،
ئالدىرمىغىن سۆزلەش شەرت ئەمەس.
قەلبىڭ بىلەن ھېس قىلمىساڭ بىللە ،
بۇ كېلىپ كېتىشنىڭ مەنىسى ئەمەس .
زەھرى دىدى سەبىر ئەيلىدىم ،
قەھرى قىلدى سۈكۈت ئەيلدىم.
نادان دىمەك ئۆلۈك جان دىمەك ،
ئۆلۈك بىلەن تەڭ بولماي دىدىم.
قۇيۇپ بەر ئەي ھايات ياشىۋالسۇن ،
ياۋايى ھايۋانلار ياۋايلىقىنى يوقاتمىسۇن.
پەقەت مەن تىلەيمەن تىلەكلىرىمدە ،
ئادەملەر ئادەم كەبى يۈرۋالسۇن .
گاچا دىدىڭلار زۇۋان سۈرمۈدۈم،
قەلبمىدە سىرداشدىم تىلىم تۇتۇلغىنى راس.
بىر كىتاب كەبى ئاۋازسىز بولدۇم ،
ئاڭلا بىر كۈنى سۆزلەيدۇ ئۇ ئۆزىگە خاس .
2016-يىل 11 -ئاينىڭ 14-كۈنى ( كېچە )
ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ
| 183 قېتىم كۆرۈلدى | zinhar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-18 22:32:29 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|