ئۇ زات ئاناڭ ئىدى
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
سېنى كۆرگۈسى كېلىپ تېلېفوننى ئۇردى،
سېنىڭ تېلېفونىڭ پەقەت ئۇلانمىدى.
كىچىك بالىدەك كۆڭلى يېرىم بولدى،
كۆڭلى ئاغرىغان ، ئۇ زات ئاناڭ ئىدى.
ئاي يىللاپ ئاناڭدىن ئەھۋال سورىمايسەن،
بىرەر قېتىم تېلېفون ئۇرۇپ قويمايسەن.
سەن ئۇنىڭ ئېسىدىن پەقەت چىقمايسەن،
سېنى سېغىنغان،ئۇ زات ئاناڭ ئىدى.
يىغلايدۇ بەزىدە سۈرىتىڭگە قاراپ،
ساقلايدۇ ھەر كۈنى يولۇڭغا قاراپ.
سېنى باشقىلاردىن تۇرىدۇ سوراپ،
سېنى ساقلىغان، ئۇ زات ئاناڭ ئىدى.
بىراق سەن تېلېفونمۇ ئۇرۇپ قويمايسەن،
ئانا سېنى سېغىندىم دەپمۇ قويمايسەن.
قۇچاقلاپ بوينىغا گىرە سالمايسەن ،
ساڭا مۇھتاج، ئۇ زات ئاناڭ ئىدى.
46 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-15 13:38:48 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|