ي >> ھەرىپى بىلەن باشلانغان شېئېر  >>    
يالغانچىغا يېقىن يولىما ،         
ئاپتۇرى -مۇھەببەت كۈيچىسى -مۇھەممەتجان سامساق ،
يالغاننى يارىغا ياغدۇرار يامغۇر ، 
يۈزسىز يالغانچىغا يېقىن يولىما ،
يارسىز يۈرسەڭمۇ يامىنى يوقتۇر ، 
يۈزسىز يالغانچىغا يېقىن يولىما ،
يۈرۈكۈڭ يارلىنار يالغانچى ياردىن ،
يۈزسىز يالغانچىغا يېقىن يولىما ،
يۈزۈڭنى يوقىتار ياۋنىڭ يېنىدا ،
يۈزسىز يالغانچىغا يېقىن يولىما ،
ياخشى يار يېنىڭدا يۈرەكنى يامار ،
ياخشى يار يۈرىكىدە يۇلتۇزلار يانار ،
ياخشىغا يولۇقساڭ ياقۇتلار ياغار ،
يۈزسىز يالغانچىغا يېقىن يولىما ،
ياخشىغا يۈلەنسەڭ ياشنايدۇ يۈرەك 
يىللارچە يىگلىمەس يۈرەك يىلتىزى ،
يۈرۈدۇ ياندىشىپ ياققان يامغۇردا ،
يۈگرەيدۇ يۈرەكتە يارنىڭ يىلپىزى ،
يۇلتۇزدەك يانمايدۇ يارلانغان يۈرەك ،
يۈزسىز يالغانچى يارغا يۇلۇققىنىڭدا ،
ياخشىغا يالۋۇرساڭمۇ يامىنى يوقتۇر ،
يارا يۈرۈكۈڭنى  يامايدۇ يىرتىلغىنىدا
 
يۈزۈڭدىن يوقۇلار ياشلىق يارىشى ،
يۇلۇقساڭ يۈزسىز يالغانچى يارغا ،
ياخشى ياريۇلۇڭدا يۇيار يۈزۈڭنى ،
ياماشقىن يۆگمەشتەك يۆلىگەن يارغا ،
يامان يارغا يۇلۇقساڭ يۇقار يارىسى ،
يىراق يۈر يۇلۇڭدا يىلاندەك ياردىن ،
يۇلۇڭدىن يىقىتار يۈزلىرىڭ يېغىر ،
 يىغلايدۇ يۈرۈكۈڭ يۇلۇنۇپ ياردىن ،
 يارلىنىپ ياتساڭمۇ يۆلەيدۇ يايرىڭ ، 
ياخشىغا يۆگىشىپ ياشا يۆگىمەشتەك ،
ياشلىقىڭنىڭ يېغىدا يانىدۇ يايرىڭ ،
يۇلۇڭنى يۇرىتار يۇرۇق يۇلتۇزدەك ،
ياخشى يار يۈگەنسىز يۈرمەيدۇ يولدا ،
يۆلەپ يۈرەر يارلىنىپ ياتقانلىرىڭدا ،
يامان يار يولۋاستەك يالمايدۇ ياندا ،
يۈتمەس يېغىر يېلىنمىساڭ يانپاشلىرىڭدا ،
يېغىپ يامغۇر يازدا يالپۇز ياشارغىندا ،
ياشلىمىدى يالغۇزلۇقتا يەنە يۈرەكلەر ،
ياخشى يارنىڭ يولىغا يۈرسەممۇ يىغلاپ ،
يۇلۇقمىدى يوللۇرۇمدا يانغان يۈرەكلەر ،
ئاپتۇرى- مۇھەببەت كۈيچىسى ،
ئاقسۇ شەھەر قارتال بازىرىدىن مۇھەممەتجان سامساق ، 
تىلفۇن ئالاقە ئۈندىدار 15599755288
2017-6-13
تەھرىرى:مۇھەممەدتوختى سەببەت 
مۇھەررىر:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
      
| 36 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەتجان سامساق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-6-14 19:02:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |