ھاياسىز قىزلارغا

‏ھاياسىز قىزلارغا

 

‏ ‏‏نىمە بولدى قىزلارغا بۈگۈن،

 مەيدىسىدىن كۆرۈنەر يوچۇق.

 تومۇز بولماي قوڭى تەرلەمدۇ،

 ئىڭىشسىلا دۈمبىسى ئوچۇق .

 

يوپكىلارنى كىيمەيدۇ ئەسلا،

 نىيۇزەيكۇسى بەلنى ياپالماس.

 نىقتاپ كىيىپ ئۈگەنگەچكە ئۇ،

بالىنىمۇ ئوڭشاپ تۇغالماس.

 

 ئۇلار قانداق بولاركىن ئانا،

 قىز ۋاقتىدا ئاشۇنداق يۈرۈپ.

ئىچىلامدۇ بەختى ئۇلارنىڭ،

 پەرىشتىلەر تۇرسا تۈكۈرۈپ.

 

 شەرمى -ھايا قىزلارنىڭ جېنى،

 ئەخلاقسىزدىن بىزاردۇر ھەركىم.

 نازۇك جايلار ئەۋرەت دىگەننى،

 ئۇ ھاياسىز بىلمەيدۇ بەلكىم.

 

 يېزىلغانكەن كىتاپتا شۇنداق،

كۈن كۆرىسەن نىيەتكە قاراپ.

ئالدى- كەينىڭ ئوچۇقلا تۇرسا،

 ئەللەر سېنى دىمەمدۇ «جالاپ»؟

 

 ئوڭشالماستىن يۈرسەڭ ئاشۇنداق،

سېنى ياخشى ئەرلەر ئالامدۇ؟

 بانا تېپىپ دەيسەن ئۆزۈڭگە ،

 تۆشۈك مارجان يەردە قالامدۇ؟

 

قىيامەتتە ھىساب بەرگەندە،

ئېسىلىسەن ئاچقان يېرىڭدىن.

 جەبرائىللار بىر بۇيرۇق بىلەن،

 تۇتۇپ كېلەر قاچقان يېرىڭدىن.

 

 يۇمۇرچى 2013-4-26





262 قېتىم كۆرۈلدى yumurchi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-24 13:21:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-26 11:56:20 ھەزرتىئۆمەر ئابدۇرىشىت
ناھايىتى قالتىس يېزىپسىز ،كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى يېزىپسىز ،راسلا ! مەنمۇ شئېرلىرىمدا ئ‍ونچىۋالا نەق ۋە ئ‍ۆتكۈر گەپلەرنى سىزدەك ئ‍ېچىپ دەپ باقماپتىمەن. كاشكى ئ‍ۈن -دىدار نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز سىزبىلەن دوست بوپ قالاركەنمە ،يا بولمىسا مېنىڭ «مۇھەببەتلىشىش دەستۇرى »دېگەن ئ‍ەسىرىمدە QQنومۇرۇم بار ،خالىسڭىز جالىڭە .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ