ھەمرا يوق

ھەمرا يوق

 

 ئ‍ەخەتجان مۇھەممەت(كۆكتال)

 

كىچەم مىنىڭ تەنھادۇر، يالغۇزلۇقتا ھەمرا يوق،

دەردىم تولا، دەرمان يوق ،غىرىپلىقتا ھەمرا يوق.

 

 تۈندە يانغان چىراقمەن، ھىجران چاققان پىراقمەن،

 يالغۇزلۇقتىن ئ‍ىپ قاچار؟مىھرى ئ‍اتەش ھەمرا يوق.

 

 سىردىشىمەن ئ‍اي بىلەن، كۆتە چاپقان تاي بىلەن،

 شۇ يالغۇزۇم، تۈنۈمدە دەردىم ئ‍اڭلار ھەمرا يوق.

 

جۇدۇن سوققان تىنىم بار ،زەپ داغلانغان دىلىم بار،

 شۇ كىسەلگە باسقۇدەك، داۋايىم يوق،ھەمرا يوق.

 

ياپراق قىلدى تۆكۈلگەن، بۇ ھاياتنىڭ بورانى،

 تۇتار دىسەم قۇل سۇنۇپ، قول بەرگۈدەك ھەمرا يوق.

 

 چۆلدە ئ‍ۇچقان ئ‍اققۇمەن، بىر ھاسىسىز قارغۇمەن،

 قولۇم يىتلەپ يورۇققا، ئ‍اچۇققۇدەك ھەمرا يوق.

 

 2015.9.11





127 قېتىم كۆرۈلدى karaqvx ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-12 8:24:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ