ئاشىغىم تۇرۇپ (ئۇتقاش)

ئاشىغىم تۇرۇپ

 

 (ناخشا تېكىستى)

 

ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

 

 ماڭا قاراپ كۈلمىگەن بولساڭ،

 قالماس ئىدىم تۈگىمەس دەرتتە.

 يار ئىشقىڭدا كۆيمىگەن بولسام،

 يۈرەك باغرىم بولماستى خەستە.

 

 كەتتىڭ يىراق ئايرىلىپ مەندىن،

 سۆيگۈ ۋاپا كۈتسەممۇ سەندىن،

 كەچتىڭ ئاخىر بەرگەن ۋەدەڭدىن؟

كۈتكەنلىرىم يوقمىكىن ئەستە؟!

 

 يالغۇز قالدىم ئاشىغىم تۇرۇپ،

 قان يىغلىدىم شۇنچە يالۋۇرۇپ،

 پەرۋايىڭ يوق ئۆلسەم ئاھ ئۇرۇپ،

 يۈردۈڭ قايان رەززىل ھەۋەستە؟

 

 مەڭگۈگە دەپ بەرسەم قولۇمنى،

 غازان قىلىپ سۆيگۈ گۈلۈمنى،

 بەرپات قىلدىڭ ئارمانلىرىمنى،

 بوپتۇ كەتكىن قالما ھەسرەتتە.

 

 2015-يىل 8-ئاي 26-كۈن (مارالبېشى)





161 قېتىم كۆرۈلدى otkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-27 11:06:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ