ئادەملەرگە كېرەك مۇھەببەت
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
ئادىمىيلىكنى،بىلگەندە ئادەم،
 قەدەملەردە بولۇر مۇھەببەت،
ئوخشىغاندا ئىچى ۋە تېشى،
 گۈل سۇنىشار ئەبەدىي-ئەبەد.
خۇشپۇراقلىق گۈللەر پۇراپ بىز،
گۈلخان بولۇپ يانىمىز ئەبەد،
ۋىسال تاپسا دوستلۇق گۈلىمىز،
بەرمەسمىدۇق مېھرى-مۇھەببەت.
مېھرى ۋاپا ئەيلىگىن دوستۇم،
ئادەملەرگە كېرەك مۇھەببەت،
ئېگىلگەنگە بويۇن كىسىلمەس،
ياراشمايدۇ دوسلارغا ھەسەت.
سۈزۈك بولسۇن قەلب دۇنيارىڭ،
يىتىلدۈرۈپ ئېسىل پەزىلەت،
قىلىشمايلى كۆڭۈللەرنى غەش،
بىر-بىرىمىزگە ساقلاپ ئاداۋەت.
مېھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات،
قەدىرلىگىن گۈزەلدۇر بۇ ھايات،
سۇسلاشمىسۇن دوسلۇق رېشتىمىز،
بەك قىممەتلىك،چەكلىك بۇ ھايات.
      
| 95 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-30 17:28:07 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |