مۇھەببەتنامە
نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى
قوبۇل ئەيلەپ ئىزھارىمنى كۆڭلۈمنى،
ماڭا ھەمراھ سىرداش مەشۇق بولدىڭىز.
ساداقەتكە مۇشتاق غىرىپ كۆڭلۈمگە ،
سۆيگۈ ئارا جان بەردىڭىز كۈلدىڭىز.
دىلخانەمگە كىردىڭىز سىز ئەي قىزچاق،
ئۇندا ناۋا ئاچتى تۈمەن گۈل پۈرەك.
چىن سۆيگۈڭىز مېھرىڭىزدىن سۇ ئىچىپ،
بولدى گۈلزار تەشنا مىسكىن بۇ يۈرەك.
جەننەت نېمە دەپ سورالسا مىنىڭدىن،
دىدىم ئاڭا مۇھەببەت بار قەلىبتۇر.
چىن مۇھەببەت بولماق قەلىب باغىدا،
سائادەت ھەم ۋەسلى جەننەت دىمەكتۇر.
بىراق مىنى تاشلاپ يىراق كەتتىڭىز،
چەرخى پەلەك جۇدالىققا تاشلىدى.
كەتتى جەننەت،بەختىممۇ ھەم كەلمەسكە،
سىغىنىشلار باغرىمنى قان ياشلىدى.
شۇندىن بېرى جۇدۇنلاردا گادايمەن،
خازان بولدى سۇلدى بارچە گۈللىرىم.
يالغۇزلۇقۇم تۆكتى ھەسرەت ئۈنۈمگە،
ھىجرانغا يار ھامان كۈلپەت كۈنلىرىم.
ئەنە سىزسىز جاھان تۇرار تەمتىرەپ،
ئاقار جىسمىم،كۆيەر ئىچىم شەبىستان.
دوزاخ مىسال كۆردۈم دەھشەت ئازابى،
بولۇپ قەلبىم مۇھەببەتكە گۆرىستان.
2016-5-14-كۈنى
82 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-6 0:22:44 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|